تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

دۆلەت كىلىمات مەركىزى: 2023- يىلى ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 10-  ئاي ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئۇدا 5-  قېتىملىق ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ئىللىق ئاي بولۇپ، 10-  ئايدا يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1991-  يىلىدىن 2020-  يىلىغىچە ( كىلىمات ئۆلچەملىك مەزگىلى ) بولغان ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن ℃0.52 يۇقىرى بولغان، ئالدىنقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتىدىن (2015-  يىلى 10-  ئاي) ℃0.1 يۇقىرى بولغان. جۇڭگو ۋە ئاسىيادىكى ئېگىز تاغلىق رايونلار (°105 - 65,°50 - 25) دا تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىراق بولۇشى تېخىمۇ روشەن بولۇپ، 1991-  يىلىدىن 2020-  يىلىغىچە بولغان ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن ئايرىم-  ئايرىم ھالدا ℃1.25 ۋە ℃1.36 يۇقىرى بولغان. (سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ يەر شارى يۈزى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئايلىق قىممەت كاتەكچە نۇقتىسىنى قايتا قۇرۇش سانلىق مەلۇمات توپلىمى V2.0)

1850- يىلىدىن 2023- يىلىغىنىڭ 6- ئايدىن 10- ئايغىچە يەر شارى يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئانومالىيەسى تەرتىپى ( 1991-  يىلىدىن 2020-  يىلىغىچە بولغان نىسپىي كىلىمات ئۆلچەملىك مەزگىلى)

   ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىللىق پەسىل (2023- يىلى 6- ئايدىن 10- ئايغىچە) 1850- يىلىدىن بۇيانقى يەر شارى بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ئىللىق پەسىل بولۇپ، 2023- يىلى ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئىللىق پەسىلدە يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1991- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن ℃0.57 يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 8- ئاي بىلەن 9- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا تارىختىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن ℃0.62 ۋە ℃0.69 يۇقىرى بولدى، 2016- يىلى يارىتىلغان رېكورتتىن ℃0.22 ۋە ℃0.39 يۇقىرى بولدى. پۈتۈن يەر شارى ئوخشاش، جۇڭگو ۋە ئاسىيادىكى ئېگىز تاغلىق رايونلار ئوخشاشلا ئەڭ ئىسسىق ۋە ئىللىق پەسىل بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1991- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن ℃0.86 ۋە ℃0.83 يۇقىرى بولدى. ئاسىيادىكى ئېگىز تاغلىق رايونلارنىڭ ئىللىپ كېتىشى ئاسىيا مۇز چەمبىرىكىگە بولغان تەسىرىنى تېزلەتمەكتە.

1850- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە بولغان ئىللىق پەسىلدىكى يەر شارى، جۇڭگو ۋە ئاسىيادىكى ئېگىز تاغلىق رايونلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئانومالىيەسى تەرتىپى (1991- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان نىسپىي كىلىمات ئۆلچەملىك مەزگىلى)

 دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى (WMO) ئېلان قىلغان «2022- يىللىق يەر شارى كىلىمات ئەھۋالى دوكلاتى»دا، «كىلىمات سىستېمىسىنىڭ ئىللىپ كېتىشى تېز ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى، ئۆتكەن بەش ئايدا يەر شارى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۇدا يارىتىلغان رېكورتىمۇ كىلىمات سىستېمىسىنىڭ ئىللىپ كېتىش يۈزلىنىشىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش يەنىلا يەر شارى ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم خىرىس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت كىلىمات مەركىزى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.