تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

«لياۋنىڭ-شىنجاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، لياۋنىڭ-تارباغاتاي بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر خەتتاتلىق، گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى لياۋنىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

    11-ئاينىڭ 3-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھىرى لياۋخې رەسساملار يۇرتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «لياۋنىڭ-شىنجاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، لياۋنىڭ-تارباغاتاي بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر خەتتاتلىق، گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 1500گە يېقىن ئەسەر تاپشۇرۇۋېلىندى، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان 300دىن ئارتۇق ئەسەر باھالاپ چىقىلدى. كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەردە پىكىر ئىخچام، ھۈنەر كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، ئەمگەك شەرەپلىك، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېسسىياتى، لياۋنىڭ بىلەن تارباغاتاي قەلبداش بولۇپ پارتىيەنى، ۋەتەننى مەدھىيەلەش قاتارلىق ئاساسىي تېمىلار گەۋدىلەندۈرۈلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئالاسىن سۇدبېلىك، ئاسقات غەيرەت)

خەتتات ھەۋەسكارلىرى خەتتاتلىق ھۈنىرى كۆرسەتمەكتە.

خىزمەتچى خادىملار خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.