تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

ئوماق بالا چوڭ نان بىلەن «كۈچ سىناشتى» باھا يېزىش رايونىدا «كۇچا چوڭ نېنى» قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

يېقىندا 

بىر ئانا بالىسىنىڭ چۈشتىن كېيىنلىك چېيىنى تورغا چىقاردى 

بىر ئوماق بالا

چوڭلۇقى ئۆزىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ بولغان ناننى قۇچاقلاپ يەۋاتقان بولۇپ

يەنە تېخى پۇتىنىڭ ئۇچىدا ناننىڭ گىرۋىكىنى تىرىۋالغانىدى

گەرچە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن يەۋاتقان بولسىمۇ، «مەلىكە»لەرگە خاس «سالاپىتى»نى قىلچە يوقاتمىغانىدى

​ئۇنىڭ شۇنچە كۈچەپ تىرىشىۋاتقان ھالىتىغا قاراپ

تورداشلار بەس-بەستە نېمىدىگەن ئوماق دەپ ماختىشىپ كەتتى

يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ: «قىزچاق شۇنچە كۈچەپ يېگەن بولسىمۇ، پەقەت ناننىڭ قىرىنىلا تۈگىتىپتۇ» دېيىشتى 

بەزى تورداشلار ھەتتا 

قانداق قازاندا بۇنداق چوڭ قوتۇرماچ پىشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ھەيران قېلىشتى

شۇنىڭ بىلەن، بىلوگ ئىگىسى ۋە نۇرغۇن قىزغىن تورداشلار بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتى: 

بۇ شىنجاڭ نېنى! كۇچا چوڭ نېنى! 

نانغا كەلسەك

شىنجاڭدا كىشىلەر ئۇنى «ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ» 

«ئۈچ كۈن گۆش يېمىسەكمۇ بولىدۇ، ئەمما بىر كۈن نان يېمىسەك بولمايدۇ» 

بۇنىڭدىن ناننىڭ شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ 

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا

ناننىڭ تۈرى 300 خىلدىن ئاشىدىكەن

تاتلىق، تۇزلۇق، ئاچچىق، يەنە گۆشلۈك، گۆشسىز

كۈنجۈت نان، پىياز نان، ياڭاق نان

گۈلقەنت نان، بادام نان، لازا نان، گۆشنان دېگەندەك

ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم مەززىلىك

شىنجاڭ نېنىنى تىلغا ئالماقچى بولساق

كۇچا چوڭ نېنى توغرىسىدا سۆزلىمەي بولمايدۇ

بىر ناخشىدا مۇنداق دېيىلگەن:

شىنجاڭ نېنىنىڭ پۇر كەتكەن داڭقى، ھارۋا چاقىدەك كۇچا چوڭ نېنى 

كۇچا نېنى ئالتۇن رەڭدە ساغىرىپ پىشىدىغان بولۇپ، چۈرۈك ھەم مەززىلىك 

دىيامېتىرى 60 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ 

كىشىلەر تەرىپىدىن «نان شاھى» دەپ ئاتالغان 

كۇچا چوڭ نېنى 2010-يىلى شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ

2012-يىلى دۆلەتنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ساياھەت يېمەكلىكى بولۇپ باھالاندى 

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى لىمىن كوچىسىدىكى بىر كۇچا چوڭ نېنى ناۋايخانىسىنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە تارتقان نانلار.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ خاۋ فوتوسى 

«ئىلگىرى كۇچادىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا نان سېتىۋالغانىدىم 

سەپەرداشلار ناننىڭ چوڭلىقىدىن ھەيران قېلىشتى

ناۋايخانىنىڭ لوبىنى كۈلۈپ تۇرۇپ ناننى سۇنغاندا 

يېمەي تۇرۇپلا تويۇپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولغانىدىم»

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى لىمىن كوچىسىدىكى بىر كۇچا چوڭ نېنى ناۋايخانىسىنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە تارتقان نانلار.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ بىڭچيەن فوتوسى

بەزىلەرنىڭ ئېيىشىچە

كۇچا نېنىنى

ئادەتتىكى چوڭلۇقتىكى خالتىلارغا قاچىلىغىلى بولمايدىكەن 

خېلى يىراق ئارىلىقتىمۇ ئۇنى كۆرۈپلا قالسىڭىز كۆزىڭىزنى ئۈزەلمەيدىكەنسىز

ئەگەر ئۇ سىزگە «يېقىنلاشسا»

ئۇنىڭدىن باشقىنى كۆرەلمەي قالىدىكەنسىز

شىنجاڭدا، بىرەر نانمۇ ئۆيگە پۈتۈن كىرمەيدۇ.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ بىڭچيەن فوتوسى

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ناننى بىرلا چىشلىسىڭىز

چوقۇم مۇشۇ ئوماق بالىغا ئوخشاش

خۇشاللىقتا ئۇچۇۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولىسىز! بەخت تۇيغۇڭىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ! 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.