«بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) تەشكىللىگەن «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى __ <بىر بەلباغ، بىر يول> چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، زىيارەت شۆبە ئەترىتىنىڭ مۇخبىرلىرى شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز پورتى شەھىرى ليەنيۈنگاڭ پورتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكدىكى جېڭجوۋ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى شىئەن، تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىققان جاي چۇڭچىڭغا باردى. ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، گىرۇزىيە قاتارلىق «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە باردى. يول بويى زىيارەت قىلىپ، يول بويى ئاڭلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخنىڭ مۇنبەت تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ جۇڭگو تاۋار بازىرى ـ جۇڭخەي بازىرىدا، شىنجاڭلىق سودىگەر سۇ فېڭيىڭ (ئوڭدا) ئىستېمالچىلارغا يېڭىدىن كەلگەن جۇڭگو تاۋارلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئارمان رازاق فوتوسى