تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] بىر خىل كۆك رەڭ بار، تېكەس دەرياسى دەپ ئاتىلىدىغان

     10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، كۈز كىرىشىگە ئەگىشىپ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان تېكەس دەرياسىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ قېنىقلىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۈزدىكى ئالتۇن رەڭگە مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندا، شۇنى ئەستە تۇتۇڭكى، تېكەس دەرياسى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل كۆك رەڭمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ساپ ۋە سالقىن ھاۋالىق كۈزدە ئەكس ئېتىپ تۇرغان كۆك رەڭ، ئىككى قىرغاقتىكى رەڭگارەڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرغان كۆك رەڭ، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دولقۇنلارغا رەڭ بېرىۋاتقان كۆك رەڭ، سۇ قۇشلىرى ئۈچۈن بەھۇزۇر ئۈزۈپ داۋالغۇپ تۇرغان كۆك رەڭ.

     تېكەس دەرياسى تىيانشان خانتەڭرى چوققىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن باشلىنىدۇ، كۆپلىگەن دەريالار بۇ دەرياغا قۇيۇلىدۇ، ئۇ ئىلى دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 258 كىلومېتىر.

ئاپتورلار: جاڭ جېڭبىن، جاۋ چىڭچىڭ

ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى تورىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.