ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۇنشياڭ) مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە تەييار جۇڭيى دورىلىرىنى مەركەزلىك مىقدارلىق سېتىۋېلىشنىڭ تاللاش نەتىجىسى يېقىندا شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشكەن بولۇپ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، سۆڭەك زەخمە بۆلۈمى، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن ئىبارەت ئالتە داۋالاش ساھەسىگە چېتىلىدىكەن، مەركەزلىك مىقدارلىق سېتىۋېلىشقا تاللانغان دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش نىسبىتى %49.36 بولغان.
2- تۈركۈمدىكى تەييار جۇڭيى دورىلىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا تەشكىللەنگەن مەملىكەتلىك سېتىۋېلىش ئىتتىپاقى بولۇپ، مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تاللانغان دورىلارنىڭ تىپى ۋە ئۆلچىمى تولۇق، مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تاللانغان دورىلار مۇرەككەپ رېتسېپلىق بەنموۋ، مۇرەككەپ رېتسېپلىق شۆشۇەنتۇڭ، گۇەنشىننىڭ، خۇاچەنسۇ، شياڭدەن، شىڭناۋجىڭ قاتارلىق 15 خىل دورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاساسلىق مەھسۇلاتلار بولۇپ، كلىنىكىلىق دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرالايدۇ.
تەييار جۇڭيى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيا چىقىدىغان جاي، تەبىئىي مۇھىت قاتارلىق كۆپ خىل تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى رېتسېپ پەرقىنىڭ بولۇشى ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن، شۇڭا خاس تۈرى كۆپ، باھادا كېلىشىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ھالبۇكى تەييار جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىدىغان تۈرى كۆپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، پۇقرالار دائىم ئىشلىتىدىغان دورا ھېسابلىنىدۇ، قاپلىغان كىشىلەر كۆپ، ئىشلىتىلىش نىسبىتى يۇقىرى، داۋالاش مۇددىتى بىر قەدەر ئۇزاق. بۇ قېتىم مەركەزلىك سېتىۋېلىش تاللاش قائىدىسىدە، باھانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئامىللار ئۇنىۋېرسال نەزەرگە ئېلىنغان بولۇپ، باھا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تاللانغان دورىلار ئورتاق بېكىتىلدى.
مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تاللانغان دورىلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە %49.36 تۆۋەنلىدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %77.95 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىلىنىكىدا يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان شياڭدەن ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەر دانىسىنىڭ باھاسى مەركەزلىك سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى 37 يۈەندىن 8.16 يۈەنگە چۈشۈرۈلۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %77.95كە يەتتى؛ مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان مۇرەككەپ رېتسېپلىق شۆشۇەنتۇڭ كاپسۇلىنىڭ باھاسى %41.67 چۈشتى، ئاغرىقلارنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش دائىرىسى خىمىيەلىك دورا، بىيولوگىيەلىك دورا، تەييار جۇڭيى دورىسى قاتارلىق تۈرلەرنى تولۇق قاپلىدى، جەمئىي 618 داۋالاش ئاپپاراتى بۇ قېتىمقى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا قاتناشتى، تۇنجى يىلى پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش مىقدارى 27 مىليون 70 مىڭ 900 تابلېتكا، دانە، تال بولۇپ، تۇنجى يىلى پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ يىللىق سېتىۋېلىش سوممىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، مۆلچەرىمىزچە، ھەر يىلى 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق دورا خىراجىتىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئىتتىپاقنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، ئەھۋالغا قاراپ بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى مىقدار مەلۇم قىلىشقا قاتناشقان بارلىق تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى جەزمەن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسىدىكى دورا ۋە داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى (تور ئادرېسى: https://fuwu.xjylbz.cn/#/Index) ئارقىلىق، تاللانغان دورىلارنى بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋېلىشى، ئىشلىتىشى كېرەك. بۇ قېتىم تەييار جۇڭيى دورىلىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ئاغرىقلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.