تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

1- ئايدىن 9- ئايغىچە شىنجاڭدا يېمەك- ئىچمەك كىرىمى 36 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يەتتى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت خەۋىرى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئاچقان «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىستېمالنىڭ ياخشىلىنىشى، جانلىنىشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ يېمەك- ئىچمەك كىرىمى 36 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.0 ئاشۇرۇلغان، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 6- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.9 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

    بۇ يىل، شىنجاڭ «يۈز ناھىيەدە مىڭلىغان ئېسىل تائامنىڭ ھىدىنى ھەر تەرەپكە تارىتىش» مەززىلىك تائاملارنى باھالاش ھەم تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ خەلقئارا يېمەك- ئىچمەك كۆرگەزمىسى ۋە تائامغا باي يىپەك يولى مەززىلىك تائاملار يىغىنى، پولۇ مۇسابىقىسى، جۇڭگوچە قورۇما قورۇش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس داڭلىق ئاشخانىلىرى، داڭلىق قورۇمىلىرى، داڭلىق ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى قېزىپ، يېمەك- ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. (مۇخبىر يۈ جياڭيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.