تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جەنۇبىي شىنجاڭدا مەنزىرىسى گۈزەل، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان كىچىك شەھەر بار، ھەرگىز كۆرمەي تۇرۇپ كېتىپ قالماڭ!

شىنجاڭدا

شۇنداق بىر جاي بار

ھەر كۈنى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 15 سائەتكە يېتىدۇ

پۈتۈن يىلدىكى قىروۋسىز مەزگىلى 220 نەچچە كۈندىن ئاشىدۇ

ئانارى قىپقىزىل، توغراقلىرى ساپسېرىق

يايلاقلىرى بىپايان، تائاملىرى مەززىلىك

قۇياش نۇرى ئىللىق، رەڭدار ھەم نۇرلۇق

ئۇ دەل كوئېنلۇن تېغى باغرىدىكى گۈزەل ماكان

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدۇر

چىرادا نېمىنى تاماشا قىلىمىز؟

بۇ يەردە

ھەيۋەتلىك، تاغلار ئەجدادى

كوئېنلۇن تېغى بار

كوئېنلۇن تېغى چوڭ جىلغىسىدا

تاغلار ئەجدادىنىڭ سىرلىقلىقى

بىپايان قارلىق يايلاق بىلەن ئۆزئارا گىرەلەشىپ كەتكەن

سۈرەت مەنبەسى: @ ھېكايە سۆزلىيەلمەيدىغان ئۆمەك (不会讲故事的团)

كوئېنلۇن تېغى باغرىدىكى يامىن ئوتلىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە

شاماللارنىڭ ئوت-چۆپلەرنى يەلپۈپ تۇرغانلىقىنى، قوي-كالىلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ ئوتلاۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: @ داڭلىق تۇرمۇش ناخشىچىسى (著名生活歌颂家)

بەنلەنگې ئوتلىقى خۇددى بىر پارچە غايەت زور ھەم تەكشى كەتكەن يېشىل گىلەمگە ئوخشاش

تاغ ئارىسىغا يېيىلغان بولۇپ، خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى

سىن مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى

دامكۇ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى خارابىسى

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك بۇددا ئىبادەتخانىسى ھېسابلىنىدۇ

قۇملۇقتىكى سىرلىق كۆل ​− قۇم دېڭىزىدىكى زۇمرەتكۆلگە بېرىپ

توغراق، قۇملۇق، زۇمرەتتەك سۇ، كۆك ئاسمان ئۆزئارا بىرىكىپ كەتكەن گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ

گۇلاخما توغراقلىقىغا نەزەر سالسىڭىز

ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار قۇملۇققا ھۆسىن قوشقان بولۇپ، خۇددى شېئىرلاردا تەسۋىرلەنگەندەك، سىزىلغان رەسىمدەك تولىمۇ گۈزەل ئىدى

سىن مەنبەسى: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى

چىرادا نېمە يەيمىز؟

چىرانىڭ «بىر سىقسىلا ئاجرايدىغان» − قەغەز ياڭىقىنى تېتىپ بېقىڭ

پوستى نېپىز، مېغىزى توق، چۈرۈك ھەم تەملىك مەززىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى

شۇ پېتى يېيىشكە، ياغ تارتىشقا، دورىغا قوشۇشقا بولىدۇ

چىرانىڭ «قۇملۇق پىساسى» − كۆمەچنى تېتىپ بېقىڭ

مايلىق ۋە مايسىز قوي گۆشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ قىيما قىلىنغان كۆمەچنى قەدىمكى ئۇسۇلدا قاقلاپ پىشۇرسا

مەززىلىك ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ، تەمى تىلدا قالىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

چىرانىڭ خۇمار چىلىنىنى تېتىپ بېقىڭ

شەكلى تۇخۇمغا ئوخشايدۇ، يەنە تۇخۇم چىلان دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ئۇنى ئۆستۈرۈشتە قويۇلىدىغان تەلەپ بىر قەدەر يۇقىرى، لېكىن ئوزۇقلۇق مىقدارى ئىنتايىن مول

چىرانىڭ داڭلىق «ھېقىق»ى − ئانارنى تېتىپ بېقىڭ

چىرا ئانارىنىڭ پوستى پارقىراق، دانىسى چوڭ، شىرنىلىك

تەمى تاتلىق، يېيىشلىك، ھۆل پېتى يېيىشكىمۇ، شەربىتىنى چىقىرىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ

چىرادا قانداق ئوينايمىز؟

لىنىيە 1:

چىرا ناھىيە بازىرىدامكۇ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى خارابىسىبەنلەنگې مەنزىرە رايونىئۇلۇغساي يېزىسى دېھقانلار ئارامگاھىئاقچىغ خەلق ئۆرپ-ئادەت كەنتى

لىنىيە 2:

چىرا ناھىيە بازىرى−ماۋ جۇشى ئىزناكلىرى كۆرگەزمىخانىسى−تېرىقچىلىق مەدەنىيەت باغچىسى−قۇم دېڭىزىدىكى زۇمرەتكۆل−دامكۇ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى خارابىسى−ئادىمىيەت، ئېكولوگىيە ساياھەت باغچىسى

سۈرەت مەنبەسى: @ سۈن لياڭلياڭ (孙凉凉)

لىنىيە 3:

1-كۈنى: چىرا ناھىيە بازىرىماۋ جۇشى ئىزناكلىرى كۆرگەزمىخانىسى، تېرىقچىلىق مەدەنىيەت باغچىسى−دامكۇ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى خارابىسىگۇلاخما بازىرى توغراقلىقىگۇلاخما بازىرى خاس مەززىلىك تائاملار دېھقانلار ئارامگاھى

2-كۈنى: قۇم دېڭىزىدىكى زۇمرەتكۆل−ئاشى، ئاسا قەدىمىي شەھىرى−چاقا يېزىسى  مەززىلىك تائاملار مەيدانى−بەنلەنگې مەنزىرە رايونى−ئاقچىغ خەلق ئۆرپ-ئادەت كەنتى

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى

چېن لۇڭ فوتوسى

لىنىيە 4:

1-كۈنى: چىرا ناھىيەسى−ئادىمىيەت، ئېكولوگىيە ساياھەت باغچىسى−تۇزاقچى مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما كوچىسى−ئانار گۈلى بازىرى−ماۋ جۇشى ئىزناكلىرى كۆرگەزمىخانىسى−جەندوۋچۈ خاتىرە سارىيى−تېرىقچىلىق مەدەنىيەت باغچىسى− قۇم دېڭىزىدىكى زۇمرەتكۆل

2-كۈنى: چىرا ناھىيەسى− دامكۇ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى خارابىسى−چىرا ناھىيەسى سۆگەت شاھى−دامكۇ سۇلۇق يېرى−گۇلاخما بازىرى توغراقلىقى−چىرا كەچلىك بازىرى

3-كۈنى: چىرا ناھىيەسى−بەنلەنگې مەنزىرە رايونى−پاكا يايلىقى−قاراقۇرۇم يايلىقى

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى

چېن لۇڭ فوتوسى

جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلسىڭىز

چىرادىن ئىبارەت بۇ كىچىك گۆھەر شەھەرگە كېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى سىزگە بۇ يەرگە بىكار كەلمىگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ


«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.