تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

​مەۋقەنى ئاساسقا قويۇپ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك

ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​مەۋقەنى ئاساسقا قويۇپ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە نېفىتتىن ئايرىۋېلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □ مىن يۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قاراماي شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئالىي مەكتەپ مائارىپى، نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى بايلىق، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساس ۋە ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئالدى بىلەن جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى ۋە قاراماي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 2020 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن قورقماي، دەۋر بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ما شىڭرۇي مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، مەكتەپ بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، قاراماينىڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دىققەتنى نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل پەن، كەسىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى غەربىي قىسىم چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەش كېرەك.

شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تەجرىبىخانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شۆيۈەننىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كىلىنىكىلىق ئەمەلىيەت بىلەن ئۇل تەتقىقاتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىن مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىرىكمە تىپتىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز ئىختىساسلىقلار بايلىقى يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ۋە قاراماي نېفىت خىمىيە شىركىتىگە بېرىپ، نەق مەيداندا نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خام نېفىت پىششىقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى قاراماينىڭ كەسىپ ئاساسى ۋە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نېفىت ئايرىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز قېزىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت خىمىيە كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتىپ ۋە ئۇزارتىپ، يېشىل ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەر ئۈنۈملۈك جىپسىلاشقان، فۇنكسىيەسىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل بولغان كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، «نېفىتقا ئالاقىدار ئىشلار»نى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي يەنە قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى يىرىك پىلان كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، باشلامچى كارخانىلار، چوڭ - چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى قاتارلىقلارغا قويۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك. مائارىپنىڭ مۇلازىمەت قىلىش، تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى ۋەزىپە - تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئاپتونوم رايون جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلارنى قاراتمىلىق يېتىشتۈرۈش كېرەك. نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىلىشى، مەھسۇلاتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشكە كېڭىيىشى، كەسىپنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز پىششىقلاش كەسىپ توپى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دىققەتنى كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن - تېخنىكا بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.