تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ يىغىنى ئېچىلدى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ يىغىنى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، قانداق مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ۋە تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، مائارىپنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپقا سىياسىي جەھەتتىن قاراش، مائارىپنى خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىن تۇتۇش، مائارىپنى قانۇنىيەت جەھەتتىن باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى تەلىپىگە توغرىلىنىشتا، شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە يەنە مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش تەكشى بولماسلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق، ئالىي مائارىپ ۋە كەسپىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر بولۇش، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر ساقلانماقتا. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرى روھنى تاۋلاش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، داشۆ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، مائارىپنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدا قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، تۈرلۈك ئادەم تەربىيەلەش ۋاسىتىلىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشقان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەرسخانا، ئوقۇتقۇچى، دەرسلىك، مەكتەپ ھويلىسى ئىدىيە - مەدەنىيەت بازىسىنى چىڭ باشقۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساس مائارىپ بويىچە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى تۈرگە ئايرىپ ئەلالاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان رايونلاردا بىر تۈركۈم ئۆلچەملەشكەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، شەھەر - يېزا مەكتەپلىرى ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك كۈچى ۋە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «قوش ئالدىنقى قاتار» ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى، قوللىنىشچان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، «ھەممە جايدا تولۇق كۇرس مائارىپى بولۇش» نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى جانلىق تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى پۇختا، تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مائارىپ ھەمكارلىقىنى پۇختا كېڭەيتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى بىرىنچى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەش، باشقۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىنىستىرلىق - ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئوقۇش - ئوقۇتۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ خىراجىتى، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، دىققەتنى مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىجىل ھالدا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، بىڭتۇەن 2 - شى تيېمېنگۇەن شەھىرى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، چېن مىڭگو، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ياڭ شيۇلى، جاڭ ليەنگو، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.