تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

پورتلارغا كىرىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | خۇبېي-بورتالا چوڭقۇر قېرىنداشلىق رىشتى ئورناتتى شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش مول نەتىجە بەردى

 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، «تۆت پەسىلدە شىنجاڭغا نەزەر» بويىچە «پورتلارغا كىرىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بورتالا شەھىرىدىكى بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ، خۇ بېي بىلەن بورتالا ئورناتقان چوڭقۇر قېرىنداشلىق رىشتى، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولدى.

  بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى بىردىنبىر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ. بۇ مەكتەپتە سەھىيە-ساغلاملىق، مائارىپ، قاتناش، ماشىنا-ئېلېكتىر، سودا قاتارلىق ئىككىنچى دەرىجىلىك شۆيۈەندىن 10ى تەسس قىلىنغان، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 15 مىڭدىن ئاشىدۇ. 2005-يىلىدىن باشلاپ، خۇبېي ئۆلكىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 50تىن كۆپرەك تولۇق كۇرس ۋە ئالىي كەسپىي تېخنىكوملاردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە 300 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. 2021-يىلى، خۇبېي ئۆلكىسى كەسپىي مائارىپ بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى، خۇبېي جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىك داشۆسىدىن ئىبارەت ئىككى تولۇق كۇرس مەكتىپى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك، ئەلا سۈپەتلىك 10 ئالىي كەسپىي تېخنىكوم، «بىر مەكتەپ بىر شۆيۈەنگە ياردەم بېرىش» شەكلىدە ئۆمەك تەشكىللەپ، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى سەككىز ئىككىنچى دەرىجىلىك شۆيۈەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ يۆلىدى.

  ھازىرغىچە، خۇبېي ئۆلكىسى 125 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى بىلەن بورتالا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باغچە رايونىدا شۆبە مەكتەپ رايونى تەسىس قىلىپ، «بىر مەكتەپ، ئۈچ رايون»دىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

11-ئاينىڭ 6-كۈنى، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتناش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە.     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى سودا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى سودا شۆيۈەنىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئەمەلىي مەشغۇلاتى قىلماقتا.      ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى سودا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە.    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى سەھىيە-ساغلاملىق شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەمەلىي مەشغۇلات ئۆيىدە ئوقۇغۇچىلارغا داۋالاش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.