تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز جوۋ تاۋنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم گۈلچەمبىرەك ئەۋەتتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: داڭلىق يازغۇچى، تۇنجى نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جوۋ تاۋ 11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى يۈرەك تىقىلمىسى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا گۈلچەمبىرەك ئەۋەتتى، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جوۋ تاۋنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم جوۋ تاۋنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى.

جوۋ تاۋ، 1946 ـ يىلى تۇغۇلغان، سەنشىدىن، 1955 ـ يىلى ئاتا ـ ئانىسىغا ئەگىشىپ بېيجىڭدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغان. جوۋ تاۋ شىنجاڭ رايونىدا يېزىقچىلىق بىلەن داڭ چىقارغان، ئۇ ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، بىر ئۆمۈر شىنجاڭغا چىن مۇھەببەت باغلاپ، شىنجاڭ توغرىسىدا نۇرغۇن نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان، شېئىرلار توپلىمى «سىرلىق تاغ» «ياۋا ئات توپى»، نەسرلەر توپلىمى «كەم ئۇچرايدىغان قۇش» «سەددىچىن سېپىلىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلار» قاتارلىق 40 نەچچە خىل ئەسىرى بار. نەسرلەر توپلىمى «جۇڭخۇا نەسرلىرى قىممەتلىك ساقلانما ئەسەرلىرى . جوۋ تاۋ تومى» مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئەسەرلىرى جۇڭگو يېڭى شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا، كۆپ قېتىم ئازادلىق ئارمىيە ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.