تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2022- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى 3 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يەتتى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2022- يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپقا ئاجراتقان مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى 3 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2015- يىلىدىكىدىن 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.7 ئاشقان. «13- بەش يىل»دىن بۇيان، ئاساسىي مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدىكى مالىيە ئومۇمىي سېلىنمىسى ۋە ئوقۇغۇچى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە چىقىمىدا يىلمۇيىل ئازىيىش بولماي، ئېشىشلا بولۇپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلغان.

    پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.