تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

قازاقىستان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدۇ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

    كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو پۇقرالىرى ھۆكۈمەت ئىشى ئادەتتىكى پاسپورتى، ئادەتتىكى پاسپورت ۋە ساياھەت گۇۋاھنامىسى بىلەن، قازاقىستان پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت ۋە ۋەتەنگە قايتىش ئىسپاتى بىلەن، شەخسىي ئىش، سودا پائالىيىتى (سۆھبەت، كېلىشىم ئىمزالاش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ھەم باشقا سودا پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ساياھەت، داۋالىنىش، خەلقئارا ترانسپورت ھەم چېگرىدىن ئۆتۈش سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن، يەنە بىر تەرەپ چېگرىسىدىن كىرسە، چېگرىسىدىن چىقسا ياكى ئۆتسە، چېگرىدىن كىرگەن كۈندىن باشلاپ بىر قېتىملىق توختاش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ھەر 180 كۈندىكى جەمئىي توختىغان ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. يۇقىرىقى سەۋەب ھەم ۋاقىت چېكىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، قارشى تەرەپنىڭ دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىشتىن بۇرۇن مۇناسىپ ۋىزىنى بېجىرىشى كېرەك. 

    جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى 1994- يىلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى سەپىرى توغرىسىدىكى كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان، ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى بارلار قارشى تەرەپنىڭ دۆلەت چېگرىسىدىن ۋىزىسىز كىرسە بولىدىغانلىقى ھەمدە توختاش ۋاقتىنىڭ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن. 

    پايدىلانغان مەنبە: «كونسۇل بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.