تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت تەرەپ جاۋاب قايتۇردى | ئۈرۈمچىدىكىلەر كۈتكەن ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت تەييار بولدى، تۇنجى تۈركۈمدىكىسى يولغا سېلىندى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما جى) ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قايتۇرغان جاۋابىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ يوللارغا ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت سېلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ، شىمىگۇ رايونى ۋە مىدۇڭ رايونىدىكى شارائىتى ھازىرلانغان يوللارغا تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت سېلىنىپ بوپتۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاخبارات خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مېيتۇەن ۋېلىسىپىتى، خالو ۋېلىسىپىتى، جياڭيۈ لەنتيەن ئۈرۈمچىدىكى يوللارغا 3000غا يېقىن ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت سالغان، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچىدە 4000غا يېقىن ھەمبەھرە  ۋېلىسىپىت بار ئىكەن.

    تورداش قالدۇرغان سۆز 

    ئۈرۈمچى ئۆلكە مەركىزى بولغان بىلەن ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت يوق، ئاپتوموبىلى يوق كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش تەننەرخى بەك يۇقىرى، تاكسىنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەن، ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت 2 يۈەن بىلەنلا بۇلارنى ھەل قىلالايدۇ. ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى نۇقتىلارغا ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت سېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەرزان سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ھۆكۈمەت تەرەپ قايتۇرغان جاۋاب

    10- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى مۇنداق ئەڭ يېڭى جاۋاب قايتۇردى: 1. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم رايوندا موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى يوق، شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى ھازىر بار بولغان يوللاردا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ، دەپ قارايدۇ. شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى بىلەن شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئىلگىرى يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرىلىشىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەھەر رايونىدىكى يوللاردا موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى قۇرۇلۇشى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. 2. نۆۋەتتىكى ھەل قىلىش لايىھەسىدە دەسلەپكى قەدەمدە ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردىكى ۋېلىسىپىت يولى مۇكەممەل رايونلارنى تاللاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ يوللارغا سېلىش ئويلىشىلدى. بۇ خىزمەت تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا، بۈگۈنگە قەدەر شىمىگۇ رايونى ۋە مىدۇڭ رايونىدىكى شارائىتى ھازىرلانغان يوللارغا تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت سېلىندى.

    ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت توغرىسىدىكى تېما «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە ئىزچىل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى تورداشلار دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت بارلىقى، نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئارقا- ئارقىدىن سۆز قالدۇرۇپ، ھەمبەھرە ۋېلىسىپىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش تەكلىپىنى بەرگەن.

    بۈگۈنكى كۈندە، ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت مەسىلىسىگە قاتناش- تىرانسپورت تارماقلىرى ئىنكاس قايتۇردى، يوللارغا ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت سېلىش خىزمىتىمۇ باشلاندى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12- شى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن سولياۋ زاۋۇتىنىڭ ئەتراپى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12- شى شىسەن يېڭى رايونىدىكى جيۇدىڭ رايونى، شەھەرنىڭ غەربىدىكى شىمالىي مۇشۈگوۋ يولى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شەرقىي ئارىشاڭ يولى قاتارلىق جايلارغا 3000غا يېقىن ھەمبەھرە توكلۇق ۋېلىسىپىت سېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.