10-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ چۇجيا ئاشلىق-ياغ پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىر يۈسۈپ غېنى
بۇ شىركەت ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش كارخانىسى بولۇپ، جەمئىي 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ھازىر، يىلىغا 100 مىڭ توننا زاراڭزا يېغى، زىغىر يېغى قاتارلىق يېمەكلىك يېغى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلدى، ئومۇمىي ساقلاش ئىقتىدارى تەخمىنەن 5000 توننىغا يېتىدۇ.
نۆۋەتتە، بۇ شىركەت سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا ئومۇميۈزلۈك يەتكەندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 1 مىليارد يۈەنگە يېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئىشچىلار ماشىنا ئارقىلىق يېمەكلىك يېغى تارتماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى