تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئورتاق تۇتۇپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ شەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى، ماس تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شەنشىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئورتاق تۇتۇپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ شەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى، ماس تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي، جاۋ يىدې، جاۋ گاڭ، ئەركىن تۇنىياز، شۈ شىنرۇڭ، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شەنشىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جىڭۋېي ما شىڭرۇي، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ يىدې، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار جۇڭگو غەربىي قىسىم پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پورتىغا بېرىپ، شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق نەتىجىلىرىنى تەكشۈرمەكتە. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، شىئەن، 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى شەنشىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېز تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ شەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ يىدې پائالىيەتكە قاتناشتى.

شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى شۈ شىنرۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.

شەنشىدىكى مەزگىلدە، شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو غەربىي قىسىم پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پورتىغا باردى، شىئەن قاتناش داشۆسىدە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، سۇپا قۇرۇلۇشى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەكشۈردى؛ يەنچاڭ نېفىت كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ شەنشى كۆمۈرچىلىك خىمىيە سانائىتى تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، كۆمۈر كەسپى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى؛ شەنشى تارىخ مۇزېيىدا، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، كۆرگەزمە قىلىش، تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى· شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خىزمەت ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنى شىئەندە ئېچىلدى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شەنشى ئۆلكىسىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، سەنچىن تۇپرىقىدا گۈللەپ ياشناۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، بىز شەنشىنىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. شىنجاڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شەنشى بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ئەزەلدىن ئالاقىسى قويۇق، رىشتىسى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۆپەيدى، ئۈنۈمى سىجىل گەۋدىلەندى. يېڭى مۇساپىدە، شەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا تولۇقلاپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكلەرنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ، بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەۋزەل كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆمۈر، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شەنشى كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، يەنچاڭ نېفىت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشى، تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش كېرەك. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولىنىڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرانسپورت بىلەن سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قول تۇتۇشۇپ غەربكە ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بازىرىنى ئورتاق ئېچىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. مۇھىم ئامىللارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆتكىلىشى، ئىككى تەرەپكە نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يىپەك يولى ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى ئورتاق يارىتىپ، شەنشى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جاۋ يىدې شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەنشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تىنچ ـ ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى، مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى، تەجرىبىلەر ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. شەنشى بىلەن شىنجاڭ ئوخشاشلا غەربىي شىمالدىكى «ياخشى قېرىنداشلار»، ئوخشاشلا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىلەر، ئوخشاشلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ ئەندىزىسىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان. شەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يول، سۇپا، مۇھىت، بازارنى ئېچىۋېتىش جەھەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» ۋە «مۇھىم بازا»نىڭ زىچ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە تەمىناتى ئىقتىدارىنى ماس ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشىنى؛ كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىنى؛ پەن ـ تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوش يۆنىلىشلىك يېتىشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى؛ مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۆھبەت يىغىنىدا جاۋ گاڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شەنشى ئۆلكىسى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىڭتۇەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. بىڭتۇەن، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شەنشى يەنچاڭ نېفىت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، بىڭتۇەن 13 ـ شى شىنشىڭ شەھىرى، شەنشى كۆمۈرچىلىك خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭشىنجيەن كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

شەنشى ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ شىڭنىڭ، ۋاڭ لىن، لى مىڭيۈەن، دوۋ جىڭلى، ۋاڭ خەيپېڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، شۆ بىن، خا زېڭيوۋ، شىئەن شەھىرى رەھبەرلىرىدىن يې نيۇپىڭ، شىئەن قاتناش داشۆسى رەھبەرلىرىدىن لۇ جيەنجۈن، ۋاڭ شۇگو ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.