تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى| رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 355 مىليارد 249 مىليون يۈەن بولدى

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئاچقان 2023- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 355 مىليارد 249 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 171 مىليارد 473 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.2 ئاشقان. 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 537 مىليارد 932 مىليون يۈەن بولۇپ، %6 ئاشقان؛ 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 645 مىليارد 844 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.1 ئاشقان.  (مۇخبىرلار گاۋ فېڭ، كاڭ خاۋيەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.