تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل 135 ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا 951 يۈرۈش توك قاچىلاش ئەسلىھەسى ئورنىتىلدى

    ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدىكى نەنخۇ مىڭجۇ يەر يۈزى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ئورنىتىلغان توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ) 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەردىكى 135 ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا 951 توك قاچىلاش ئەسلىھەسى ئورنىتىلغان.

    ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ مىڭجۇ يەر يۈزى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، جەمئىي سەككىز يۈرۈش تۇراقلىق توك تېز سۈرئەتلىك توكلىغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، بېسىق ئەمەس ۋاقىتلاردىمۇ نۇرغۇن ئاپتوموبىل بۇ يەردە توك قاچىلايدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا لىنىيەسىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەرقايسى رايونلاردىكى شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ پۈتۈن شەھەردىكى 2500گە يېقىن ئاممىۋى ئېچىۋېتىلگەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (ئىسكىلاتى)دىكى تەخمىنەن 290 مىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى بىر- بىرلەپ رەتلەپ، توكلىغۇچ ئورنىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى تاللاپ، توكلىغۇچ ئورنىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

    «توكلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، بىز رايون ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجغا قارىتا، مەسىلەن، سودا چەمبىرىكى، كونا ئولتۇراق رايون ئەتراپى قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ نوپۇس زىچلىقى، قاتناش ئېھتىياجى ھەم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، توكلىغۇچنى ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسى ۋە سانىنى مۇۋاپىق بېكىتتۇق.» دېدى لى جۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.