تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە شىنجاڭدا 34 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئىجرا قىلىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 10- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرىدۇ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى «بۇلۇت ئۈستىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئىچىدە نۇرغۇن تېز لىنىيەنى كۆپەيتىپ، كۆپ خىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يولۇچىلارنىڭ سودا بېرىش- كېلىشى، ئىستىراھەت ساياھىتىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

    قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا 34 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئىجرا قىلىدۇ، كورلا- خوتەن، كورلا- قەشقەر، كورلا- غۇلجا، ئاقسۇ- خوتەن، ئاقسۇ- غۇلجىدىن ئىبارەت شىنجاڭ ئىچىدىكى بەش تېز لىنىيەدە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۈنىگە ئۈچ نۆۋەت كۆپەيتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭغا كىرىدىغان تۇتاش مۇساپىلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى، مەسىلەن، چېڭدۇ- يەكەن- ئاقسۇ، بېيجىڭ- كورلا- خوتەن، لەنجوۋ- قومۇل- ئاقسۇ قاتارلىقلار يولۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا تېز كىرىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ. 

    بۇنىڭدىن باشقا، يولۇچىلار ئېقىمى ۋە سەپەرگە چىقىش قىزىق نۇقتىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى يەنە ئاقسۇ- ئۈرۈمچى، شىخەنزە- تۇمشۇق- خوتەن، قەشقەر- بورتالا- قاراماي، قەشقەر- ئارال- شىخەنزە قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، كىچىك خەلق ئاۋىياتسىيە خادىمى، كۆپ جايدا داكا قىلىپ ساياھەت قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس ئادىمىيەت ساياھىتى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قار- مۇز ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپ خىل سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار- مۇز ساياھەت بازىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

    بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ- ئۈرۈمچى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشى بولۇپ، بىر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت ئىجرا قىلىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە ئۇچىدۇ؛ بېرىش مۇساپىسىدە G54607 ئاقسۇ- ئۈرۈمچى نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 16دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇدىن يولغا چىقىپ، سائەت 17دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ، قايتىش مۇساپىسىدە G54608 ئۈرۈمچى- ئاقسۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 18دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 20دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇغا يېتىپ بارىدۇ.

    قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا 34 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئىجرا قىلىپ، يولۇچىلارنى كۆپ خىل سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  ۋاڭ لىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.