تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

سىزگە ئالتۇنتاغنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى ئېكران سۈرىتى قىلىشقا سوۋغا قىلاي

   كەچ كۈز مەزگىلىدە، مۇخبىر ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا كىرىپ، كامېرا ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى، بۇ يەردىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى خاتىرىلىدى.

   ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىغا تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 45 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلىتىمىز ئېگىزلىك چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان قارلىق تاغ ۋە تاڭ شەپىقى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك قاتارلىق سۇ قۇشلىرى ئېشەكپاتتى كۆلىگە ماكانلاشتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان تاڭ شەپىقى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

   بۇ يەردە قەدىمىي، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر بار، قارلىق تاغ، يايلاق، كۆل، سازلىق، قۇملۇق قاتارلىق يەر شەكىللىرى بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ؛ بۇ يەر «ئېگىزلىك تۈر گېن ئامبىرى» دەپ ئاتالغان، ياۋا قوتاز، تىبەت بۆكىنى، تىبەت قۇلىنى، قارا بويۇن تۇرنا، يىلپىز قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بۇ يەردە ياشايدۇ ۋە كۆپىيىدۇ.

10-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئېشەكپاتتى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىغا كىرگەن شىزاڭ ئېيىقى.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، تىبەت قۇلىنى قاردا ئۇچقاندەك چاپماقتا.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان بىر توپ چېپىپ كېتىۋاتقان تىبەت بۆكىنى.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان قارا بويۇن تۇرنا.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا تارتىلغان قاردىكى تىبەت بۆكىنى.

   ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇھاپىزەت رايونى 1983-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ئەسلىي قىياپىتى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، كۆپ خىل ئېگىزلىك جانلىقلىرى ماكانلىشىپ كۆپىيىدىغان جايغا ئايلاندى.

10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان تاڭ شەپىقى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىپ بىرىكتۈرۈلگەن سۈرەت).

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، قۇياش نۇرى پۈتۈن جاھانغا چېچىلدى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان چوڭ قۇم بۇلاق (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك سۈرەت).

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، تېبەت قۇلىنى ئوزۇق ئىزدىمەكتە. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ياۋا قوتاز قاردىن كېيىنكى قۇمكۆل قۇملۇقىغا ياماشماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك قاتارلىق سۇ قۇشلىرى ئېشەكپاتتى كۆلىگە ماكانلاشتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان غەزەپلەنگەن ياۋا قوتاز (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.