تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

دۇنيا ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىك كۈنى | بىلەمسىز؟ شىنجاڭدىكى بۇ ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلى دورا ئورنىدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ

10-ئاينىڭ 22-كۈنى

دۇنيا ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىك كۈنى

ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە

دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىكى

ئىزچىل پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ كەلدى

ھەرقايسى جايلاردا ئىشلىتىلىدىغان جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى

ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ قالدى

بۈگۈن، كۆپچىلىككە

 شىنجاڭدىكى قۇملۇق، قاقاسلىق، دالا، ئورمانلىق قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدىغان

دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىرنەچچە خىل ئۆسۈملۈكنى تونۇشتۇرىمىز

تىيانشان ئېتىكىدىكى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان مېۋىلەر

ئانار

   سىز ئانارنى دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئانار، ئانار ئائىلىسى ئانار ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك، يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك غوللۇق دەرەخ. ھازىرقى زامان دورىگەرلىك ئىلمى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانار تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىككى چوڭ تەركىب بار: قىزىل ئانار پولىفېنولى ۋە سىئانىدىن بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئاشقازان يارىسىغا قارشى تۇرۇش، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش، قاندىكى ماي ۋە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار. كىچىككىنە ئانارنى كۈز پەسلىدە كۈتۈنۈشتىكى «ئالتۇن مېۋە» دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ناھايىتى ياخشى دورا ۋە يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

   شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن ئانارلار ئاساسلىقى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى ھەمدە قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى، كوناشەھەر ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى ۋە قەشقەر شەھىرىگە تارقالغان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيە، شەھەرلىرىدىمۇ ئاز مىقداردا ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەر يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئانارى ئارقا-ئارقىدىن مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ، دانىسى قىپقىزىل پىيالما ئانارى، شىرنىلىك، تاتلىق قەشقەر تاتلىق ئانارىنىڭ ھەممىسى كىشىلەر ئالدىن تاللايدىغان ئەتىۋارلىق مېۋە ھېسابلىنىدۇ.

غۇنچە ئۈزۈم

   غۇنچە ئۈزۈم، ئۈزۈم ئائىلىسى ئۈزۈم ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەنە ئۇششاق ئۈزۈم، پۇرچاق ئۈزۈم دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مېۋە دانىسى قارىمۇچتەك، پۇرچاقتەك ئۇششاق، باشىقى سۆكسۆك شەكلىدە بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان، ئۇ جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن بىردىنبىر ئۈزۈم سورتى بولۇپ، مېۋىسى، يىلتىزى، پېلىكىنىڭ ھەممىسىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قۇرۇق غۇنچە ئۈزۈمنىڭ رېماتىزملىق سۆڭەك ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇغى، كىچىك بالىلاردىكى قىزىل قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش رولى بار، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ يىلتىزى، پېلىكىنى سىرتتىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇ، سۆڭەك سۇنۇقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

   غۇنچە ئۈزۈم ئاساسلىقى تۇرپان رايونىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ياۋا ئۈزۈم، شۇنداقلا تۇرپاندىكى ئەڭ قەدىمىي ئۈزۈم سورتى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە يازنىڭ ئاخىرى، باش كۈزدە پىشىدۇ، كۆپىنچە قۇرۇق ئۈزۈم قىلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ.

ئالتاي دولاناسى

   ئالتاي دولاناسى ئەتىرگۈل ئائىلىسى دولانا ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، ئاپتاپخۇمار ئۆسۈملۈك، شۇڭا كۆپىنچە كۈن نۇرى يېتەرلىك بولغان تاغ قاپتىلى، ئورمان ياقىسى ۋە ئورمان ئارىسىدىكى بوش يەرلەردە ئۆسىدۇ، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. ئالتاي دولانا مېۋىسىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، دورا ئورنىدا ئىشلىتىلسە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ تاماق سىڭدۈرۈش، تولغاقنى توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار.

   ئالتاي دولاناسىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، يەنە دەرەخ شەكلى چىرايلىق، چېچەك-يوپۇرماقلىرى قويۇق، مېۋىسىنىڭ رەڭگى كۆركەم بولغاچقا، ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكى بولۇش بىلەن بىللە، تاماشا قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، شۇڭا دائىم باغ-ئورمان كۆكەرتىش ۋە قاقاس تاغلاردا ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئاساسلىق سورت قىلىنىدۇ، ئىلگىرى بېيجىڭ، شېنياڭ قاتارلىق نۇرغۇن جايلار كىرگۈزۈپ ئۆستۈرگەن.

جىگدە

   جىگدە، جىگدە ئائىلىسى جىگدە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە يوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ ياكى كىچىك غوللۇق دەرەخ. جىگدىنىڭ چېچىكى، مېۋىسى، شېخى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ ھەممىسىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مېۋىسى پىششىقلانغاندىن كېيىن ئىچى سۈرۈش، گېمورويغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالاش رولىغا ئىگە، يەنە خۇش پۇراق ماتېرىيال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر خىل ياغقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ خىل ياغ تېرىنى تازىلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ.

   شىنجاڭدا، نۇرغۇن جايلاردا كەڭ كۆلەمدە جىگدە دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتى، دورىلىق قىممىتىدىن باشقا، يەنە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. كۇچا شەھىرىدە ئايروپورتقا تۇتىشىدىغان نىڭبو يولى بىلەن يىڭبىن يولى ئارىسىدىكى 10 مىڭ تۈپ جىگدە دەرىخى بۈك-باراقسان ئۆسكەن، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۇچا شەھىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە باغ-ئورمانچىلىق تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان گۈللەر

جۈجۈ

   جۈجۈ جۇخارگۈلى ئائىلىسى كاسىنە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى ئەتلىك، قىسقا ھەم توم. جۈجۈ دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە، يېمەكلىك قىلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقىدىن خام سەي قىلغىلى بولىدۇ، يىلتىزىدا ئىنۇلىن ۋە ئاروماتىك ماددىلار بار، ئايرىۋېلىپ قەھۋە ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر يۈزىدىكى قىسمى ۋە يىلتىزىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. جۇڭيى دورىسى نامى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۈجۈ، جۈجۈ يىلتىزى بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

   تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىسى، تۇپراق شارائىتى جۈجۈ ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىقىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن، بىر قىسىم بىيولوگىيە شىركەتلىرى شىنجاڭنىڭ خاس ئۆسۈملۈك بايلىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بۇ جاينى جۈجۈ ئۆستۈرۈش بازىسى قىلىپ ئالاھىدە تاللاپ، ئاكتىپ ماددىلار كۆپ، سۈپىتى ئەلا بولغان تەبىئىي خام ماتېرىياللارنى يېتىشتۈرمەكتە.

لەيلىگۈل

   لەيلىگۈل تۈگمىگۈل ئائىلىسى لەيلىگۈل ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەنە شۇجىخۇا گۈلى، ماگەنخۇا گۈلى، خۇكۇي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى ۋە گۈلىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، پوستى ئەلا سۈپەتلىك تالا بولۇپ، پۈتۈن تۈپىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. يىلتىزىنى سىلىقلاشتۇرۇش دورىسى قىلىشقا بولىدۇ، شىللىق پەردە ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدۇ، قوغداش، غىدىقلاشنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. گۈلىدىن ئايرىۋېلىنغان سىئانىدىننى يېمەكلىككە رەڭ بەرگۈچى ماددا قىلىشقا بولىدۇ. پۈتۈنلەي دورا قىلىشقا بولىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ قان توختىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. غول پوستىدىكى تالالارنى تالا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

   شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كىشىلەر لەيلىگۈل تېرىپ، تاماشا گۈلى قىلىپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ.

چوڭ گۈللۈك قارا ئەندىز

   چوڭ گۈللۈك قارا ئەندىز، جۇخارگۈلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ يەنە لۈئېرساۋ ئوتى، بەييېساۋ ئوتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلىدە يەر يۈزىدىكى قىسمىدا چوڭ گۈللۈك قارا ئەندىز ۋە قارا ئەندىز بولىدۇ. گۈلى بەلغەمنى بوشىتىش، سۇ ماڭدۇرۇش، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى قىسمى سوغۇقنى تارقىتىش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش، تىغ يارىسىنى يىلتىزىدىن داۋالاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە؛ بەلغەمنى بوشىتىش دورىسى سۈپىتىدە جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

   شىنجاڭنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى شەمشادنى ئاساس قىلغان ئىپتىدائىي ئورمانلاردا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر مول بولغان ئورمان ئاستىدىكى چىملىقلاردا دائىم چوڭ گۈللۈك قارا ئەندىزنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

سۆزە

    سۆزە كالپۇكسىمان گۈللەر ئائىلىسى سۆزە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە يېرىم چاتقال ئۆسۈملۈك. سۆزە ئۇرۇقدىشىدىكىلەر تەخمىنەن جەمئىي 30 خىل بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تۆت خىل تۈرى بار، سۆزە، جەنۇبىي شىنجاڭ سۆزەسى، خۇش پۇراق سۆزە، تىيانشان سۆزەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىن چىقىدۇ، ئاساسلىقى تىيانشان تاغ تىزمىسى ۋە ئالتاي تاغ تىزمىسىغا تارقالغان. ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى قىسمىنىڭ ھەممىسىنى دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ياللۇغ قايتۇرۇپ تۈگۈنلەرنى تارقىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، سۆڭەكنى كۈچەيتىپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

   ئالتاي، ئىلى رايونلىرىدا، يەرلىك كىشىلەر دائىم سۆزەنى ياۋا يالپۇز ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ، چاي دەملەشكە ئىشلىتىدۇ ياكى قۇرۇق يوپۇرمىقىنى شورپىغا سىپىپ تەم تەڭشەيدۇ.

كالا تىلىسىمان يوپۇرماقلىق ئوت

   كالا تىلىسىمان يوپۇرماقلىق ئوت ئەڭلىك ئوت ئائىلىسى كالا تىلسىمان يوپۇرماقلىق ئوت ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، شىنجاڭدىكى ساقلىنىش مىقدارى مول. كالا تىلىسىمان يوپۇرماقلىق ئوتنىڭ ھۆللۈكنى تۈگىتىپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، بىنورمال ھالەتتىكى قارا ئۆت ماددىسىنى تەڭشەش، ھۆللۈكنى تۈگىتىپ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، سوغۇقنى ھەيدەپ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، نەملىكنى ئاشۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىپ دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار.

   شىنجاڭنىڭ داڭلىق دورا ماتېرىيالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كالا تىلسىمان يوپۇرماقلىق ئوتنىڭ دورىلىق قىممىتى كىشىلەرنىڭ ئېتراپ قىلشىغا ئېرىشتى ھەمدە بەلگىلىك كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە، نۆۋەتتە، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ئۇنى تېخىمۇ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كىلىنىكىدا دورا ئىشلىتىش ۋە يېڭى دورا ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

چۆل-باياۋاندىكى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان چاتقاللار 

جىغان

   جىغان جىگدە ئائىلىسى جىغان ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ، بىر خىل يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. جىغاننىڭ مېۋىسى گەرچە قىرتاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل «قىممەتلىك شىرنىلىك مېۋە» ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر تال جىغان تەركىبىدە 428 خىل ئاكتىپ ماددا بار، بۇنىڭ ئىچىدە، 200 خىلى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە بىۋاسىتە كىرىپ، زىيانغا ئۇچرىغان ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، توسۇلغان ھۈجەيرىلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇقلاندۇرىدىكەن، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ھۆسىن تۈزەش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك رولى بار، ئۇ بىر خىل يېمەكلىك قىلىپ ئىستېمال قىلىشقا، دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان زىرائەت.

   نۆۋەتتە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا جىغان بىردەك كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمى بىردەك 100 مىڭ مودىن ئاشتى.

يانتاق

   يانتاق پۇرچاق ئائىلىسى يانتاق ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك. ئادەتتە پەقەت شىنجاڭدىلا ئۆسىدۇ. يانتاقنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشقىمۇ، سۇدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئىچ سۈرۈش ياكى ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدۇ.

   شىنجاڭ ئالىملىرى تۆت يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يانتاق تەركىبىدىن ئايرىپ چىقىلغان بىر قىسىم بىرىكمىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، زىيادە سەزگۈرلۈككە قارشى تۇرۇش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى رولىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈنلەي يېڭى بىرىكمىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقى تۇنجى قېتىم بايقالدى. بۇ تۈرنىڭ نەتىجىسى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتتى. «جۇڭگو ھازىرقى زامان جۇڭيى دورىلىرى» «جۇڭگو دورىگەرلىك ئىلمى ژۇرنىلى» قاتارلىقلاردا بۇ تۈرنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى.

قارا مېۋىلىك ئالقات

   قارا ئالقات چەيزە ئائىلىسى ئالقات ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆپ تىكەنلىك چاتقال. ئېگىز تاغ چوققىلىرى، شورلۇق قۇم يەر، دەريا-كۆل بويلىرى، قۇرۇق دەريا قىنى، چۆلدىكى دەريا قىرغىقى ئورمانلىقلىرىغا تارقالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا ئالاھىدە بار بولغان قۇملۇق دورىلىق ئۆسۈملۈك سورتى ھېسابلىنىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى تەركىبىدە مول سىئانىدىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار. يۈرەك قىزىش كېسىلى، يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ھۆسىن تۈزەش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. خەلق ئارىسىدا دائىم بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. «ئۇيغۇر دورىگەرلىك شەجەرىسى» «تۆت توملۇق تېبابەتچىلىك قامۇسى» «جىڭجۇ دورا ئۆسۈملۈكلىرى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرگە كىرگۈزۈلگەن.

   شىنجاڭدا، ياۋا قارا مېۋىلىك ئالقات تۈپى بىر قەدەر كۆپ، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى قارامايلى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايوننىڭ چېتىدە كەڭ كەتكەن ياۋا قارا مېۋىلىك ئالقات بار. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى سورتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىلىق، قارا مېۋىلىك ئالقاتنى كەڭ كۆلەمدە سۈنئىي ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، قارا مېۋىلىك ئالقات شىنجاڭنىڭ شىرنىلىك مېۋە كەسپىدىكى مۇھىم سورتقا ئايلانماقتا.

ئاق تىكەن

   ئاق تىكەن ئوغرىتىكەن ئائىلىسى ئاق تىكەن ئۇرۇقدىشىغا تەۋە چاتقال. چۆللۈك رايونلار ھەم چۆللۈك رايون تۈزلەڭلىكلىرىدىكى تىپىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوغۇق مۆتىدىل، ئىللىق كىلىمات رايونلىرىدىكى شور تۇپراقلىق يەرلەردە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشىپ يىغىۋېلىنىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ، مېۋىسىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە، تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىشىش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

   ھەر يىلى 7-ئايدا، شىنجاڭدىكى چۆللۈكلەرنىڭ چېتىدە ئۆسىدىغان ئاق تىكەنلەرگە يىراقتىن قارىغاندا، پىشقان مېۋىسى خۇددى قىپقىزىل گىلاسقا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا «قۇملۇق گىلاسى» دېگەن نامىمۇ بار.

يۇلغۇن

   يۇلغۇننىڭ ئىلمىي نامى شېڭليۇ يەنى يۇلغۇن بولۇپ، يۇلغۇن ئائىلىسى يۇلغۇن ئۇرۇقدىشىغا تەۋە. ھەممە يەردە يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ، مېۋە بېرىدۇ. يىلتىز قىسمىدىكى كۆچمە قۇم ئاستىدا قالغان شاخ غولى يىلتىز ساقىلىغا ئايلىنىپ، قۇم قاتلىمىنىڭ يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ئىنچىكە شاخلارنى چىقىرىپ، قەيسەرلىك بىلەن سۇس قىزىل رەڭلىك كىچىك گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ. يۇلغۇننىڭ ئوتتەك قىزىل رەڭلىك كونا شېخىدىن سارغۇچ يۇمران بىخ چىقىدۇ، ئارقىدىن يېشىل يوپۇرماقلار ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ يۇمران شاخ ۋە يېشىل يوپۇرماقلار رېماتىزم كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا بەلگىلىك قوشۇمچە رول ئوينايدۇ.

   شىنجاڭدىكى قاقاسلىق، قۇملۇقلاردا يۇلغۇن ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل چاتقال بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تۇرپان ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا تۇتاش ئۆسكەن يۇلغۇن چاتقاللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ، چۆللۈككە ھاياتىي كۈچ ۋە يېشىل ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ.

ئادراسمان

   ئادراسمان ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك. يۆتەلنى توختىتىپ دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش، رېماتىزمنى داۋالاش، ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادراسمان تەركىبىدىكى بىيولوگىيەلىك ئىشقار مونو ئامىنو ئوكسىدازانى تىزگىنلىگۈچى بولۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا بىردەك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆسۈملۈك ئادراسمان ئۇرۇقىنىمۇ دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، جۇڭيى دورا نامى ئادراسمان ئۇرۇقى بولۇپ، يۆتەلنى توختىتىپ دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش، رېماتىزمنى داۋالاش، كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئىگە.

   ئادراسمان بىر خىل ئالاھىدە پۇراققا ئىگە بولۇپ، چوۋگۇدو دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دائىم شىنجاڭنىڭ چۆللۈك بەلبېغىدىكى قۇرغاق ئوتلاقلاردا كۆرۈلىدۇ، ئادراسمان توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە ئۇنىڭ كىلىنىكىدىكى قوللىنىشى 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە، شىنجاڭنىڭ تېببىي دورىگەرلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئۆسۈملۈك دورا ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى قورۇپ تەييارلاشتىن بۇرۇن زەھىرى بار

ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئۈزۈشكە بولمايدۇ

   ئەسلىدە شىنجاڭدا دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان شۇنچە كۆپ ئۆسۈملۈكلەر بار ئىكەن! ئىشلىتىلىش ئورنىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن! كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن خېلى بىلىمگە ئىگە بولدىڭىزمۇ؟ بۇ يەردە كۆپچىلىككە شۇ ئەسكەرتىلىدۇكى، مەيلى دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلسۇن، ياكى ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېھتىياجى ئويلىشىلغان بولسۇن، ياۋا جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى قارىغۇلارچە ئۈزۈشكە، ئۆز ئالدىغا يېيىشكە بولمايدۇ.

   جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە پىششىقلانغاندىن كېيىن، ئاندىن كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان دورىغا ئايلىنىدۇ، جۇڭيى تېبابىتىدە بۇ «قورۇپ تەييارلاش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار ئۆسۈملۈك ھالەتتە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇشى ناتايىن، ئەگەر خالىغانچە ئىستېمال قىلىنسا، كىشىلەرنى زەھەرلەپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

بىر تۈپ كىچىك ئوت دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ

بىر تۇتام دورىنىڭ پۇرىقى قەدىمدىن ھازىرغا ھالقىپ ئۆتىدۇ

قېنى بىرلىكتە

شىنجاڭدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ

شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ

سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلايلى

(خام ماتېرىيال مەنبەسى: جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بىلىملىرى توپلىمى، خوتەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى، تيەنجى ساغلاملىقى قاتارلىقلار)

«قانۇنچىللىق شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.