تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

قار-مۇز شەھىرىدە كۈزدىن ئىبارەت بىر خىل گۈزەللىكنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز

  قار-مۇز شەھىرىدە كۈزدىن

  ئىبارەت بىر خىل گۈزەللىكنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز

  قاتمۇقات ئورمان، گۈزەل دەريا ئېقىنلىرى

  خازان، سايە، ئىللىق قۇياش نۇرى

  قاتارلىق كۈز پەسلىنىڭ ئىزنالىرى...

  كۈزنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى

  ھەممە ئاددىيلىقلار سىزگە ئەڭ ئۆزگىچە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ

  كۈز پۇرىقىنى ئەسلەش

  باش كۈزدىن كەچ كۈزگىچە رومانتىك ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ

  رەڭدار كۈز پەسلى ئۆزىگە خاس گۈزەللىككە ئىگە

  تېز كېلىپ ئالتاي شەھىرىنىڭ كۈز مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى مەنزىرە رايونىدا، كۈز شامىلى يەلپۈپ ئۆتۈپ دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى سارغايتتى، كۈز مېۋىلىرى دەرەخ شېخىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى.  بارلان جانار فوتوسى

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالتاي شەھىرى بالىلار شادلىق باغچىسى ئەتراپى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى.   جيا جيەنشيۇڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، كۈز پەسلىنىڭ ياساندۇرۇشىدا، ئالتاي شەھىرى 500 چاقىرىملىق مەنزىرە رايونى تېخىمۇ راھەت بولغان، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان مەنزىرە كەيپىياتىنى نامايان قىلدى. ئايشۇۋاق تۇرسۇن فوتوسى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېرتىش دەرياسى بىلەن قىران دەرياسى كېسىشكەن جايدىكى دەريا جىلغىسى رايونىدا، كۈز پەسلىدىكى قۇياش نۇرى ئىللىق ۋە يېقىملىق بولۇپ، بىپايان تۇپراقنى يورۇتتى، ئادەم كۆرۈپ قانمايتتى.   كۇبېن نىغمەت فوتوسى

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى مەنزىرە رايونىدا، كەچ كۈز قەدىمى يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ياز تېخى تۈگىمىگەنىدى، ھەممە نەرسە جۇلالاق ھەم جانلىق بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى.   ۋاڭ جيې فوتوسى

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى مەنزىرە رايونىدا، قۇياش نۇرى ئىللىق، دەريا سۈيى سۈپسۈزۈك.   ھېسەن جېڭىس فوتوسى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ لاستى يېزىسى نوگەت كەنتىدە، كۈزدىكى قۇياش نۇرى ھەممە نەرسىنى ئىللىتتى.   ئۇلان قادىكېن فوتوسى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى قىران دەرياسى بويىدا، سۇ ۋە كۆپكۆك ئاسمان ئوخشاشلا سۈزۈك ئىدى.    ياۋ شياۋيىڭ فوتوسى

قار-مۇز شەھىرىنىڭ كۈز پەسلى

خۇددى بىر پارچە رەڭدار شېئىرغا

خۇددى بىر رەڭدار رەسىمگە ئوخشايدۇ

قار-مۇز شەھىرىنىڭ كۈز پەسلىگە خاس رومانتىكىلىقىنى

مەن پەقەت سىز بىلەن تەك بەھرىلىنىشنى ئويلىدىم

​(ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى: لى شىنئەي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.