ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت شېكەر ماتېرىياللىرى كەسپىي تېخنىكا سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن يېزىسى تەسكەن كەنتىدىكى 1100 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك قىزىلچا ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ھوسۇلىنى ئۆلچىدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىكى قىزىلچىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 8755.8 كىلوگىرامغا، قەنت مىقدارى %15كە يەتكەن. مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا بۇ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قىزىلچىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى يېڭىلىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.
10- ئاينىڭ 21- كۈنى، تېخنىكلار كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن يېزىسى تەسكەن كەنتىدىكى قىزىلچا ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا قىزىلچىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنى دۆلەت شېكەر ماتېرىياللىرى كەسپىي تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىدىكى قىزىلچا ئىرسىيىتىنى ياخشىلاش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى بەرپا قىلغان بولۇپ، «پەن تەتقىقات ئورنى + كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، دېھقانلار ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان تېرىلغۇ يەرنى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى قىلىپ، زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىلغار تېخنىكىنى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزگەن.