10-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار سانجى شەھىرىگە جايلاشقان جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىخانىسىدا قوناق مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ يىل بۇ شىركەت قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا جيۇشېڭخې-قازاقىستان پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى، جيۇشېڭخې-ئۆزبېكىستان ئۇرۇقچىلىق پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ، بۇغداي، قوناق قاتارلىق سورت بايلىقىدىن 3000دىن ئارتۇقنى كىرگۈزۈپ، قازاقىستاندا قوناق، بۇغداينىڭ ئالتە خىل يېڭى سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى تاماملىدى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، قازاقىستاندىن كەلگەن ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىللىرى باقتۇ پورتىدىن ئۆتتى. تارباغاتاي تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، باقتۇ پورتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى 11 مىليارد 990 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئاشقان. دەي جياۋمېي فوتوسى
10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىشچىلار قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋە-كۆكتاتلارنى قاچىلاپ توشۇماقتا. بۇ يىل 1-ئايدىن 9- ئايغىچە، بۇ شىركەتنىڭ قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان يۈكنى توشۇغان ئاپتوموبىلى 16 مىڭ 200گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 ئاشتى، تاۋارلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە ھەم ياۋروپا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىندى. لى رۇنزې فوتوسى
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار ئالاتاۋ پورتى دۆلەت چېگراسى بېكىتىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەن 22-لىنىيەدىكى ئۈستى يېپىق يۈك ساندۇقى يۆتكەپ قاچىلاش ئىسكىلاتى تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئۆلچەملىك، كەڭ رېلىسلىق پويىزلار بىرلا ۋاقىتتا توختاپ، يۈك ساندۇقىنى چۈشۈرۈش، كۆتۈرۈش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. چىلىگېر فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ
ئالاتاۋ پورتى ۋە قورغاس پورتى ئارقىلىق جۇڭگو-ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرى تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا-ئاسىيانى تۇتاشتۇردى؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىكى باجدىن خالىي تاۋارلارنى ھېس قىلىش مەركىزىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاۋارلىرى كۆزنى چاقنىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا «پۈتۈن يەرشارىدىن مال سېتىۋىلىش»ىغا قولايلىق ياراتتى؛ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار شىنجاڭغا جەم بولۇپ، ساياھەت قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، دىياگنوز قويۇپ ۋە داۋالاپ، كۆپ مەنبەلىك ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى...
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال كىرگۈزۈپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى «بىر بەلباغ بىر يول»دىكى تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە زامانىۋى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىگە ئايلاندى. قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى يىلىغا ئوتتۇرىچە %20تىن ئارتۇق ئېشىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر تېز توپلىنىپ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، ئۇچۇر، تۇرۇبا تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى؛ رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلدى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا 90 كارخانا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتناشتى، كەسىپ بېجىرىش ۋاقتى ئەڭ تېز بولغاندا بەش مىنۇتقا قىسقاردى، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتى 119 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، خەلق پۇلىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىغان كىرىم-چىقىمىدىكى نىسبىتى %36كە يېتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئالاقىسىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. نۇرغۇن پورتلاردا چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى، پىششىقلاش سودىسى گۈللىنىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى ئاستا-ئاستا شەكىللەندى.
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تېز ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى.
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى