تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

شىنجاڭدا ياسالغان پاختا يىغىش ماشىنىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» شەرق شامىلىغا تايىنىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلدى


10-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تەڭشىمەكتە.

        ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئاي دەل شىنجاڭنىڭ پاختا يىغىۋېلىش پەسلى بولۇپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىلگىرىكى ئالدىراشلىقلارنى ئۆزگەرتىپ، شىركەتتىكى كۆپ قىسىم ئادەم كۈچىنى ئېتىزلىقلارغا ئەۋەتىپ، بىرىنچى سەپتە پاختا يىغىش ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردى. كارخانىدا قالغان ئىشچىلارمۇ ھەر خىل تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرىغا قارىتا زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەڭشەش ئېلىپ باردى.

      بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، «بىر بەلباغ، بىر يول» شەرق شامىلىغا تايىنىپ ماكانلىشىپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى سەككىز يىل تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالتە قۇرلۇق پاختا يىغىش ماشىنىسىنى شىنجاڭدا ياساشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا پاختا يىغىش ماشىنىسى ئېكسپورت قىلىش يوق بولۇشتەك ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

     تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ چۈنيۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدىكى رايون ئەۋزەللىكى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تەسىر كۈچىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىپىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش ساھەسىگە كىردى. ھازىر، شىركەت تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىنى داۋاملىق زورايتىپ، باغۋەنچىلىك ماشىنىلىرى، ئاشلىق يىغىش ماشىنىلىرى قاتارلىقلارغا قاراپ تەدرىجىي كېڭەيمەكتە.

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تەڭشىمەكتە.

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تەڭشىمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.