تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

«غەيرەت قىلىڭ! نائىلە» ناملىق كىنونى ئىشلەش تەييارلىقى قەشقەردە باشلاندى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    10- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نۇقتىلىق كىنو تۈرى «غەيرەت قىلىڭ! نائىلە» فىلىمىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى، بۇ، مۇشۇ كىنونى ئىشلەش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«غەيرەت قىلىڭ! نائىلە» فىلىمىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى يىغىنى نەق مەيدانى.

    «غەيرەت قىلىڭ! نائىلە» ناملىق فىلىمدە قەشقەرلىق قىز نائىلەنىڭ شېنجېنغا بېرىپ ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش جەريانىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرىدا مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھېكايە قىلىنغان. نۆۋەتتە، بۇ فىلىم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نۇقتىلىق كىنو تۈر ئامبىرىنىڭ يۆلەش تۈرىگە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم نۇقتا خىزمىتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

    فىلىم ئىشلىگۈچى لى چيەنخۇي مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمنىڭ تاماشىبىنلارغا ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تەسىرلىك ھېكايىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاماشىبىنلارغا گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان قەشقەردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار كىنو ئىجادىيىتى، سۈرەتكە ئېلىش توغرىسىدا بەس- بەستە چارە- تەدبىر كۆرسەتتى ھەم مەنزىرە تەكشۈرۈش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قىزغىن قاتناشتى.

    تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى يىغىنىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ كىنو گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى بىر يېڭىلىق يارىتىش تۈرى بولۇپ، ئاددىي شەخس ئارقىلىق چوڭ دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، كىچىك نۇقتا ئارقىلىق چوڭ ئاساسىي تېمىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى ئاساسىي ئېقىم كىنوسى. ئۇلار ئاساسىي ئىجادىيەت كوللېكتىپىنى سېنارىيەنى يەنىمۇ پىششىقلاپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ھاياتىي كۈچكە ئىگە نادىر كىنو ئەسىرى قىلىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    بۇ كىنونى جېڭرۇڭ (شېنجېن) كۆڭۈل ئېچىش تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى بىلەن جېڭرۇڭ (دۇڭگۇەن) كىنو- تېلېۋىزىيە ئىشلەش چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئىشلەيدۇ، سۈرەتكە ئېلىش يېقىندا باشلىنىدۇ، 2024- يىلى ئاشكارە قويۇلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «قەشقەر نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.