تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ نەتىجە ۋە پۇرسىتى دۇنياغا مەنسۇپ

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

     2013-يىلى كۈزدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى قەدىمكى يىپەك يولىدىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ بۇ تارىخىي مەدەنىيلىك تەرەققىيات نەتىجىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇردى ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر روھى ۋە ئادىمىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى بېغىشلىدى.

    10 يىلدا بوران-چاپقۇن ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، 10 يىلدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، نەتىجە ۋە پۇرسەت دۇنياغا مەنسۇپ.

شىنخۇا تورىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.