تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش | قەشقەر، قورغاس «ئىككى رايون»نىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرى ئون يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20تىن كۆپرەك ئاشتى

   ئانار بۇلۇت خەۋىرى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئاچقان شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى راۋاجلاندۇرۇش، قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ «ئىككى رايون»دىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججىتىنى بېسىپ تارقاتقان، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بىلەن قىرغىزىستان نارىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ «ئىككى دۆلەتتە قوش كەسىپلەر باغچىسى بولۇش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئون يىلدىن بۇيان، «ئىككى رايون»نىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20تىن كۆپرەك ئاشقان، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر تېز توپلانغان، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن. (مۇخبىر شى شىن) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.