تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئاشىق- مەشۇقلار ئارىسىدا يۆتكەپ بېرىلگەن پۇلنى قايتۇرۇش كېرەكمۇ؟ ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار فېڭ جيەنيۈن، لى خۇەنخۇەن

  ئاشىق- مەشۇقلار قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە، بىر- بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئارىسىدا پۇل يۆتكەپ بېرىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، ئەمما ئارىسىدىكى مۇھەببەت بۇزۇلغان ھامان ئاشىق- مەشۇقلار ناتونۇش ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدا ئاشىق- مەشۇقلار ئارىسىدا يۆتكەپ بېرىلگەن پۇلنى قايتۇرۇش كېرەكمۇ؟ يېقىندا، دۆربىلجىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنداق بىر دېلونى بېجىردى.  

 بۇ يىل 3- ئايدا، ليۇ × بىلەن ۋاڭ × (ئايال) تور سۇپىسىدا تونۇشقان، ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىيلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەم بىللە تۇرغان. بۇ مەزگىلدە، ليۇ ×  ۋاڭ × كە كۆپ قېتىم پۇل يۆتكەپ بەرگەن، كېيىن ئىككىيلەن چىقىشالماي ئايرىلىپ كەتكەن.

 بۇ يىل 9- ئايدا، ليۇ ×  ۋاڭ × نى دۆربىلجىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ۋاڭ ×تىن پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

 ليۇ × نىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ × ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۆزىدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز ئالغاندىن كېيىن، يەنە باشقا سەۋەبلەر بىلەن  ئۆزىدىن كەينى- كەينىدىن 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن قەرز ئالغان. ئايرىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن  ۋاڭ × پەقەت 7000 يۈەننىلا قايتۇرغان. 

 بۇنىڭغا قارىتا ۋاڭ × ئۆزىنى ئاقلاپ، ئىككىيلەن مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە ليۇ ×نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىر قىسىم پۇلنى ھەدىيە قىلغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قەرز مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ پۇلنى قايتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان. 

 دۆربىلجىن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دېلودىكى تالاش- تارتىش نۇقتىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدىكى يۆتكەپ بېرىلگەن پۇلنىڭ ھەدىيە ياكى قەرز پۇل ئىكەنلىكىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

 تەكشۈرۈش جەريانىدا، دېلو بېجىرگۈچى سوتچى پۇل يۆتكەپ بېرىش خاتىرىسى ۋە پاراڭلىشىش خاتىرىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ، ئىككىسى ئارىسىدا يۆتكەپ بېرىلگەن پۇلنىڭ، ئاساسلىقى، مۇنداق ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان:

 1. تۇغۇلغان كۈن، ئالاھىدە بايراملاردا «ۋېيشىن قىزىل بولىقى» ئەۋەتكەن. دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە، ئەر تەرەپ ئالاھىدە كۈنلەردە ئايال تەرەپكە 520 ، 1314 قاتارلىق سوممىلاردىكى ئالاھىدە مەنىسى بار قىزىل بولاق ئەۋەتكەن.

 2. كۆپ قېتىم، كۆپ سوممىلىق، قەرەلسىز ھالدا پۇل يۆتكەپ بەرگەن. پۇل يۆتكەپ بېرىش خاتىرىسىگە ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى ئىككىيلەننىڭ مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە، ليۇ × نىڭ ۋاڭ × كە كۆپ قېتىم 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل يۆتكەپ بەرگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ۋېيشىندىكى پاراڭلىشىش خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ × ليۇ × تىن باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ مەبلەغ ئوبوروتىغا ياردەم بېرىشنى سورىغان ھەم «پۇل تاپسىلا چوقۇم قايتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. 

 سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: تۇغۇلغان كۈن قاتارلىق ئالاھىدە كۈنلەردە پۇل يۆتكەپ بېرىشتىكى مەقسىتى ھەدىيە قىلىش ۋە قىزىل بولاق ئەۋەتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش بولۇپ، بۇنى ئۆزئارا مۇھەببەت ئىپادىلەشتىكى زۆرۈر چىقىم ياكى ئىككى تەرەپنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالى، دەپ قاراشقا بولىدۇ، قايتۇرۇش ھاجەتسىز. 

 مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە بىر تەرەپ قارشى تەرەپكە ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن دائىرىدە مال- مۈلۈكنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەدىيە قىلسا، ئادەتتىكى ھەدىيە دەپ قارىلىدۇ، لېكىن سوممىسى 3000 يۈەندىن ئاشقان كۆپ قېتىم يۆتكەپ بېرىلگەن پۇل بولسا، كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاڭ × «پۇل تاپسىلا چوقۇم قايتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن، شۇڭا بۇ پۇلنى ھەدىيە دەپ قاراشقا بولمايدۇ، جاۋابكار ۋاڭ × پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 

 دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ بۇرۇنقى ئاشىق- مەشۇقلۇق مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دېلو بېجىرگۈچى سوتچى قانۇن نەزەرىيەسى، ئەقىل نۇقتىسىدىن قانۇننى چۈشەندۈردى، دەۋاگەرنىڭ پۇل يۆتكەپ بېرىش خاراكتېرى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقتى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ مۇنداق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلدى:  ۋاڭ × بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ليۇ × قەرز بەرگەن 20 مىڭ يۈەن پۇلىنى قايتۇرىدۇ.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.