تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

دۆلىتىمىز باج كېلىشىمى تورىنىڭ قاپلاش دائىرىسى 114 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   مۇخبىرنىڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلىتىمىز ئايرىم-ئايرىم سېنېگال، كامېروندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بېيجىڭدا باج كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىز باج كېلىشىمى تورىنىڭ قاپلاش دائىرىسى 114 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سېلىنما سېلىشتىكى ئاساسلىق مەنزىلى ھەمدە جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سالغان ئاساسلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

 ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرىقى ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان باج كېلىشىمى ئىمزالىنىپ كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ چېگرا ھالقىپ تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن تەكرار باج ئېلىشنى تۈگىتىپ، باجنىڭ ئېنىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، باجغا ئالاقىدار تالاش- تارتىشلارنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسى، تېخنىكا، مەبلەغ ۋە خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. (مۇخبىر ۋاڭ يۈشياۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.