تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئون يىللىقى توغرىسىدىكى چوڭ تىپتىكى سىياسىي مۇھاكىمە فىلىم | چەكسىز داغدام يول

    «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى يىپەك يولى روھىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. ئون يىلدا، 150 نەچچە دۆلەت ۋە 30 نەچچە خەلقارا تەشكىلات بۇنىڭغا قاتناشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى.

    10 يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن پۈتتى. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقى رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قويۇپ بەردى.

  ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» مۇھىم يۆنىلىش، قائىدە-ئۆلچەمنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» مۇھىم تىرەك، ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتناشقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ «قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش» مۇھىم ئاساس قىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى چوڭقۇر، ھەيۋەتلىك «چوڭ سىزما»دىن، تۈجۈپىلەپ ئويۇلغان «نەپىس سىزما» باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  كەسىپلەر باغچىلىرىنىڭ «غول تارتىپ ئۆسۈشى»دىن تۈرلۈك ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقىچە، بارغانسېرى كۆپ «جۇڭگو ئۆلچىمى» دۇنياغا يۈزلىنىشتىن، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى «نەپىس سىزما» كۈنسېرى جانلىق، جۇشقۇن بولدى.

  بىر تال شال ئۇرۇقىغا مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە، شالغۇت شالنىڭ يەر شارىدىكى 40 نەچچە دۆلەتتە تېرىلىش كۆلىمى 8 مىليون گېكتاردىن ئېشىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  ساغلام، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئاساسىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  جۇڭگو ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، ساغلاملىق، يېشىل، رەقەملىك، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «رەقەملىك يىپەك يولى» يېڭىچە يەرشارىۋىلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان رەقەملىك كۆۋرۈككە ئايلىنىپ، پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلماقتا.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى تېزلىتىپلا قالماي، مەدەنىيلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىشكىچە، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلانماقتا.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھازىرغىچە 3000دىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىليون دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىش كۆلىمىگە تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن «دۆلەت يەر بەلگىسى»، «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى»، «ھەمكارلىق ئابىدىسى»نى ياراتتى.

  چەكسىز داغدام يول، ئالدى يول پارلاق. «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يەلكىنىنى چىقىرىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولغۇسى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.