تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بەش خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلالايدۇ

     نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنى تىزىملاتقان، تەكشۈرۈپ دەلىللەشتىن ئۆتكەن يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئامبۇلاتورىيەدە رادىئاتسىيەلىك ۋە خىمىيەلىك داۋالاش، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش ( دىئالىز )، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى يەكلەشكە قارشى داۋالاش قاتارلىق بەش خىل ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئالاقىدار داۋالاش ھەققىنى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلسا بولىدىكەن.

    قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ باشقا جايدا داۋالانسا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ؟ قايسى ئاپپاراتلار بىۋاسىتە راسچوت قىلالايدۇ؟ قانداق قىلغاندا دوختۇرخانىدا بىۋاسىتە راسچوت قىلغىلى بولىدۇ... يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى يۇقىرىقى مەسىلىلەر توغرىسىدا كونكرېت جاۋاب بەردى.

    ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئالدى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشى كېرەك. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى App سى ياكى كىچىك پىروگراممىسىغا چىقىپ، «باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇش» مۇلازىمەت رايونىدا سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى ئاستىدىكى «باشقا جايدا داۋالىنىشنى تېخىمۇ كۆپ سۈرۈشتۈرۈش»نى چېكىپ، «سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە سالاھىيىتى»نى تاللاپ، ئۆزىنىڭ  سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەل كۆرسىتىش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۇچۇرى ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ تەلىپى بويىچە تاللىغان كېسەل كۆرسىتىش بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى app سىنىڭ توردا بېجىرىش بېتى

     باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى ياكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىپ، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالانغاندا، ئامبۇلاتورىيەدە نومۇر ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىش، راسچوت قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سالاھىيىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

    ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى چوقۇم بالنىستتا ياتسا ئاندىن بېجىرگىلى بولامدۇ؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ئۇنداق بولمايدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئىلتىماس قىلغاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى باھالاش ئۆلچىمىگە يەتسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى باھالاشتا زۆرۈر بولغان ئارخىپ تۇرغۇزۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى باھالايدىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، باھالاشقا كېرەكلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇش ماتېرىيالى بالنىستتا يېتىش كېسەللىك تارىخى بولسىمۇ، ئامبۇلاتورىيە داۋالىنىش كېسەللىك تارىخى بولسىمۇ بولىدۇ.

    ئوخشاش بولمىغان بىر تۇتاش پىلانلاش رايونىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ۋە باھالاش ئۆلچىمىدە پەرق بولغاچقا، باشقا جايدا بېجىرىلگەن ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يۆتكىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا توغرا كەلسە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى بويىچە قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ بېكىتىشى كېرەك.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە بىر تۇتاش سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر تۈرى، بىر تۇتاش سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشىگە ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دەرىجىلىك ( 11-شى، 12-شىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى كەسىپ كۆزنىكىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر تەمىناتىدىن بىۋاسىتە بەھرىمەن بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.