تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ھاراقنى كۆپ ئىچىپ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، بىللە ئىچكەنلەر ئورتاق تۆلەم بېرىدۇ

供图:依孜克热·祖力皮喀尔 绘.jpg

ئىزقىران زۇلپىقار سىزغان

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ شۇمىڭ) غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى، بىر قېتىملىق ھاراقنى كۆپ ئىچىپ ئۆلۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولۇش تۆلەم دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى.

   ليۇ × بۇ يىل 1- ئايدا، نى ×، ۋاڭ ×، ۋاڭ ××، رېن ×، لى ×، ياۋ ×، ۋېي × قاتارلىقلارنى بىر ئاشخانىغا تاماققا تەكلىپ قىلغان. تاماق يېيىش ئارىلىقىدا، يىغىلغانلارنىڭ بەزىلىرى ئاق ھاراق، بەزىلىرى قىزىل ھاراق ئىچكەن، بىرنەچچەيلەن ئۆزئارا ھاراق تۇتقان، ھاراق زورلاشقان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ- يېيىلىپ ئولتۇرغان. زىياپەت تارقىغاندىن كېيىن، ۋېي × ياتىقىغا قايتىپ ئارام ئالغان، ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىپ، شۇ كۈنى كېچىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

   ۋېي × ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىللە تاماق يېگەنلەرنىڭ بەزىلىرى ۋېي × نىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا 30 مىڭ يۈەن تۆلىگەن. كېيىن، ۋېي ×نىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى شۇ كۈنى يىغىلىپ تاماق يېگەنلەر ۋېي × بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەن، ھاراققا زورلاش قىلمىشى مەۋجۇت، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ۋېي ×نىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، بىللە ھاراق ئىچكەن بىرنەچچەيلەندىن ۋېي ×نىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە دەپنە پۇلىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

   دېلو سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچى خادىملار دېلو ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، دەۋاغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرىدا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان، دەۋادىن ئىلگىرى 30 مىڭ يۈەن تۆلىگەن ئاساستا، ھەرقايسى يىغىلىپ تاماق يېگۈچىلەر ۋېي ×نىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا بىرلىكتە 50 مىڭ يۈەن تۆلەم بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلو چىرايلىقچە ھەل قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.