تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى. سۆھبەت | «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش — ئۆزبېكىستاندىكى جۇڭگو كارخانىلىرى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ليۇ يۈنى زىيارەت

     ئۆزبېكىستان جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى. ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئۆزبېكىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى تەرەققىياتى قانداق پۇرسەتلەرنى كۈتۈۋالدى؟ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىن باشقا، جۇڭگو-ئۆزبېكىستاننىڭ يەنە قايسى جەھەتلەردە ھەمكارلىقى بار؟ كەلگۈسىدە شىنجاڭ جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟

   9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى باش تېمىسىدىكى چېگرا سىرتىدا زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستاندىكى جۇڭگو كارخانىلىرى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ليۇ يۈنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. 

رېژىسسور: ئارمان رازاق، خېي خۇڭۋېي

ئېكرانغا چىققۇچى: خېي خۇڭۋېي

ئوپېراتور: ئارمان رازاق

ئىشلىگۈچى\كىرىشتۈرگۈچى: مەخمۇتجان غوپۇر

نازارەتچى: لى خۇا، شۆ جىڭ، لى خۇڭيەن

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.