تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جىنىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى: تېخنىكىنى ياردەمگە ئېرىشكەن جايدا «يىلتىز تارتقۇزۇش»

    يېقىندا، جىنىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان يېزا ئىگىلىك تېخنىكى ۋاڭ چاڭچۈن(ئوڭدا) يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى شاقۇلدۇما كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى قوشۇمچە ئوغۇتلاش، شاخلىرىنى تۈزلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋاڭ چاڭچۈن شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە مېۋىلىك دەرەخ تىكىش تېخنىكىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.   (ئىختىيارىي مۇخبىرلار يۈسۈپجان، يىن جياخۇي)

    كۆپ يىللاردىن بۇيان، جىنىڭ شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېڭىسار ناھىيەسى ئۈچۈن بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. سۈرەتتە: ۋاڭ چاڭچۈن كەنت ئاھالىلىرىگە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.  

    ۋاڭ چاڭچۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى قوشۇمچە ئوغۇتلاشنى ياخشى قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.