تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» نەپىس سىزما رەسىمىنى ئورتاق سىزدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى خۇا، ليۇ شياڭ، خېي خۇڭۋېي

قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە، ھەمىشە ئىختىيارسىز ھالدا يىراقتا ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تىيانشاننى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئىلگىرى، بۇ يەردىكى قىرغىزلار ئارغىماق ۋە تېرە ماللارنى ئېلىپ، تىيانشان تاغ تىزمىسىنى بويلاپ شەرققە قاراپ مېڭىپ چاڭئەنگە كەلگەن. قايتىش سەپىرىدە، ئۇلار نەپىس يىپەك ۋە فارفور بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە سەمىمىي، دوستانە قېرىنداشلىق مېھرىگە ئېرىشكەن.

قەدىمكى بىلەن ھازىرقى يۇغۇرۇلۇش، ئونمىڭ چاقىرىمغا سوزۇلۇش. قەدىمىي يىپەك يولى ئىلگىرى بۇ تۇپراققا پۇرسەت ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن بولسا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بۈگۈنكى قىرغىزىستان خەلقىگە بۇ تەشەببۇس ئېلىپ كەلگەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ بىللە ياشاش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرماقتا.

قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش

9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلدى. بېشكەك شەھەر رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر كوچىدا، قۇياش نۇرى دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن يەرگە چۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، پىيادىلەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

چوڭ كوچىنىڭ شەرقىي ئۇچى باشلانغان ئورۇندا، دېڭ شياۋپىڭنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر قاپارتما نەقىشلىك خاتىرە مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ جاي قىرغىزىستاندىكى داڭلىق «دېڭ شياۋپىڭ كوچىسى» ئىدى.

چوڭ كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى پەقەت 3.5 كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى «قەدىمىي يىپەك يولى»نىڭ داۋامىغا ئوخشىتىدۇ. «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزدى، ئۇ قىرغىزىستاننىڭمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگودەك گۈزەل ئىستىقبالغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە» دېدى كوچا بويىدىكى خەلق ئاممىسى.

تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بۈگۈنكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

2022 ـ يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

بۇ يىل 5 ـ ئايدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىئەندە، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ سەمىمىيەتكە تولغان «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»ىنى ياراتتى.

«جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى شىنجاڭغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.» جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستان، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سىياسەت، رايون ئورنى، ئادىمىيەت، بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشۇش شىنجاڭنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى −

بۇ يىل 3 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قىرغىزىستانغا زىيارەتكە بېرىپ، جايلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئۇل ئەسلىھە، پەن ـ مائارىپ، ئادىمىيەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى ھەم بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

8 ـ ئايدا، قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى ھەم 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ جايلار ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ يەنە بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى؛ شۇ ئايدا، جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان تاۋار سودا تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، سودا جەمئىيەتلىرى، كارخانىچىلىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، جەمئىي 29 تۈردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار بولدى.

قەدەمنى پۇختا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش

«قەدىمىي يىپەك يولىغا نەزەر سالغاندا، خۇددى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كارۋاننىڭ كولدۇرما ئاۋازى، خۇ ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى، شۇنداقلا گۈللەنگەن تاڭ، خەن دەۋرىدىكى ئاۋات كوچىلارنىڭ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭلىرى ئاڭلانغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.» بۇ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ كارتىنىسى. بۈگۈنكى كۈندە، لىق يۈك قاچىلانغان پويىز ۋە ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ياۋروپا ـ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچقاندەك قاتناپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە بولۇپ قالدى.

ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە يادرولۇق مەزمۇن.

شىنجاڭ قەشقەردىن باشلانغان، ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق قىرغىزىستان چېگراسى ئىچىگە تۇتاشقان جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيولى ئالاي تاغ جىلغىسىنى بويلاپ ئەگرى ـ بۈگرى سوزۇلۇپ، ئوش ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا كىرىپ، ئاخىرىدا تاشكەنتكە يېتىپ بارىدىغان بولۇپ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىغان، راۋان ـ توسالغۇسىز بولغان خەلقئارا تىرانسپورت چوڭ تومۇرىغا ئايلاندى.

پۈتۈپ قاتناش باشلانغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيولى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي قولايلىق ۋە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

ئەركەشتام پورتىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ سىجىل ئېشىشى چارۋىچى مۇسا پۇرخاننى ئالدىراش ئادەمگە ئايلاندۇردى. تاموژنىدىن چىقىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان يېڭى ئاپتوموبىللار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاموژنىدىن چىقىرىش ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا، مۇساغا ئوخشاش «شوپۇر»لار ئارقىلىق ئاپتوموبىللارنى تاموژنىدىن چىقىرىش تەرتىپىنى ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

شەرقتە ئەركەشتام پورتىدىن يولغا چىقىپ، غەربكە قاراپ مېڭىپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى تەۋەسىدىن ئۆتكەندە، رۇسچە «سارتارى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنت بار. جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

«ئىلگىرى ياسالغان تاشيوللار ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، كەنتىمىزمۇ كۈنسېرى خارابلاشقانىدى.» كەنتتىكى بوۋاي نۇرسۇلتان مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىركىتى بىزگە ياردەم قىلىپ يول ياساپ بەردى، يۇرتىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن ياشلار قايتىپ كەلدى، كەنتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاستا ـ ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.

جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىسى − ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان داتكا − كېمىن توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يەرلىك كىشىلەر «ئەسىر قۇرۇلۇشى» «بەخت قۇرۇلۇشى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. بۇ نامنى شىنجاڭلىق سودىگەر سۇ فېڭيىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق دەپ قارىدى.

قىرغىزىستاندا، سۇ، توك بايلىقى مول بولسىمۇ، لېكىن جەنۇب، شىمالدا تەكشى ئەمەس، بولۇپمۇ شىمالىي قىسىمدىكى رايونلار توك كەمچىل بولۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى. «بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە، دائىم توك توختاپ قالاتتى، بولۇپمۇ قىشتا توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ئىدى» دېدى سۇ فېڭيىڭ ئەسلەپ.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەمچىل بولۇش شۇ جايدىكى خەلقنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىگە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىمۇ چەكلەپ قويغانىدى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈچ يىل ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ، قىرغىزىستانغا جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر تورى بەرپا قىلىپ بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇشتەك ھالىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

سۇ فېڭيىڭنىڭ تىجارىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئۇ تۇرۇۋاتقان بېشكەكتىكى جۇڭخەي بازىرىدا، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى ياخشىلىدى.

جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى ۋە بىرىنچى چوڭ ئىمپورت مەنبەسى دۆلىتىلىك ئورنىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئىزچىل تۈردە قىرغىزىستاندىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبە دۆلىتى بولۇپ كەلدى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو كارخانىلىرى قىرغىزىستاندا 700گە يېقىن شېرىكسىز ياكى شېرىكلەشكەن كارخانا قۇرغان، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، نېفىت ـ تەبىئىي گاز پىششىقلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭغا قاتناشقان شىنجاڭ كارخانىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، شۇ جاينىڭ باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىش جەھەتتە ياخشى ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمى ياراتقان.

شۇ جايدىكى خۇارېنلار ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، كۆپچىلىك كېلىشىۋالغاندەكلا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قىرغىزىستانغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، جۇڭگو كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولدى.

خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش، ئىللىق كەيپىيات قويۇق بولۇش

«دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق رىشتىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق.» خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ جەمئىيەت ئاساسى، ئەڭ ئۇللۇق، ئەڭ پۇختا، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش.

9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ داشۆ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ يەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىدىن بېشكەككە ماڭدى. ئۇنىڭ سومكىسىدا شىنجاڭ داشۆ خەنزۇ تىلى كەسپىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى بار ئىدى.

«شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ جۇڭگو تىل ـ يېزىقىدا بىلىم ئاشۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.» شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لياڭ يەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەيدىن ئۇلۇ ئوماتنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندا، يىگىت ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى يوشۇرالمىدى.

«بۇ بىرقانچە يىلدا، قىرغىزىستاندىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەرقايسى جايلاردا بەس ـ بەستە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى.» سەيدىن ئۇلۇ مۇنداق دېدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىم ئاشۇرۇشتىكى مەقسىتىم تىل ئىقتىدارىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن.

«شىنجاڭ داشۆ ۋە شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قىرغىزىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە تۆت كۇڭزى شۆيۈەنى ۋە 21 كۇڭزى دەرسخانىسى قۇردى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك جۇڭگو تىل ـ يېزىقى دەرسى تەسىس قىلىندى.» لياڭ يەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەردە كۇڭزى شۆيۈەنى ۋە كۇڭزى دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى ھەم ئۇ شۇ جاينىڭ مائارىپ سىستېمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

شىنجاڭدىكى قىرغىز مىللىتى قىرغىزىستاندىكى قىرغىز مىللىتى بىلەن يىلتىزداش، مەنبەداش. مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى، يىپەك يولىدىكى قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»نى ئۇلار ئورتاق ئېيتقان. بۈگۈنكى كۈندە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش داۋامىدا، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە ئالغا ئىلگىرىلىدى، «ماناس» يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتتى.

2022 ـ يىلى، ئون نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، سەككىز بۆلۈم، 18 توم، 230 مىڭ مىسرادىن ئاشىدىغان، 20 مىليون خەتتىن ئارتۇق كېلىدىغان «ماناس»نىڭ خەنزۇچە تولۇق تەرجىمە نۇسخىسى تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى. «ماناس»نىڭ خەنزۇچە تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى ئاساسلىق تۈزگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى خې جىخۇڭ نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

«<ماناس> جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى ۋە يىپەك يولى مەدەنىيەت گۆھىرى، ئۇنى ئورتاق قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش زۆرۈر، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر دوستلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش كېرەك.» ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ماناسنىڭ ھېكايىسى ۋە روھى تىنچلىق، دوستلۇقنى قىزغىن سۆيىدىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئېيتىلىدۇ ۋە مەدھىيەلىنىدۇ.

«ساغلام يىپەك يولى» «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، «ساغلاملىق تېز پويىزى قىرغىزىستان يورۇقلۇق سەپىرى» بېشكەكتە رەسمىي باشلاندى. بېيجىڭ داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىككى داۋالاش ئەترىتى ھەقسىز ھالدا كۆزىگە ئاق چۈشكەن 600 ئاغرىقنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى.

«جۇڭگولۇق دوختۇرلارغا رەھمەت، كۆزۈمنى داۋالاپ ساقايتتى.» ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاغرىق تالانت مۇتەللىپوف يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ساغلاملىق تېز پويىزى قىرغىزىستان يورۇقلۇق سەپىرى» ماڭا يورۇقلۇق ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە قىرغىزىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق تەرەققىياتىنى كۆرسەتتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا 10 يىل بولغاندا، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت شىنجاڭنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

10 يىللىق بوران ـ چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلماقتا. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان بىرلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى «نەپىس سىزما» رەسىمىنى ئورتاق سىزىش ماھارىتى جەزمەن تېخىمۇ نەپىس، كۈچلۈك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.