تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو بىلەن قازاقىستان قول تۇتۇشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى باشلامچىلاردىن بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا

ھازىرقى كۈز پەسلىدىكى قازاقىستاننىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرەتتى، ھاۋاسى بولۇپمۇ قوشنا بولغان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوخشىشىپ كېتەتتى.

تاغ - دەريالىرى تۇتاش، يېرى تۇتاش، ئادىمىيەت جەھەتتە يېقىن. 1700 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئورتاق چېگراغا ئىگە، 2000 يىلدىن ئارتۇق ئالاقە تارىخىغا ئىگە، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكىچە، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىنتايىن چوڭقۇر مەنبەگە ئىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇقنىڭ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسى.

10 يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى بۇنىڭ بىلەن باشلاندى.

10 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇستىن ھەرىكەتكە، ئىدىيەدىن ئەمەلىيەتكە، ئالدىن سىناق قىلىش ۋە ئالدىن يولغا قويۇشتىن يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىشىشقا ئۆتۈشكىچە، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى كۈنسېرى بېيىدى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى، جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىقىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، نەتىجىسى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇلۇغۋار غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دەرسكە ماڭغان، دەرستىن چۈشكەن ئوقۇغۇچىلار نەزەربايېف داشۆسىنىڭ ئاساسىي بىناسىغا تەرتىپلىك كىرىپ چىقىۋاتاتتى، تامدىكى بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەردە، 10 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ مۇھىم پەيت خاتىرىلەنگەنىدى −

«بىز ئىجادىي ھەمكارلىق ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، <يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى>نى ئورتاق قۇرساق بولىدۇ.» 2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ داشۆدە «خەلقلەر دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيا تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچتى.

«بۇ بىر ئۇلۇغ تەشەببۇس.» گۇۋاھچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەزەربايېف داشۆسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدىرى شېڭماۋفۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالغا نىسبەتەن تەسىراتى چوڭقۇر ئىدى، «10 يىل بۇرۇن تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن تۈرلەر ئالغا سىلجىتىلىپ يولغا قويۇلدى، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش ئاسىيا - ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتنى بىر - بىرىگە زىچ باغلىدى».

ئۇلۇغۋار غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلدى، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرغان 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئورنىنى بېكىتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى رول تۇتۇپ يول باشلىدى، جۇڭگو - قازاقىستان ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشتى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو شىنجاڭ قازاقىستان بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى زورايتتى: بۇ يىل 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق - ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستانغا زىيارەتكە بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاستانا ۋە ئالمۇتادا زىيارەتتە بولدى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاستلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان قوشنا رايونلار دوستانە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئالمۇتا شەھىرى ۋە شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى، ئالمۇتا ئوبلاستى، ئاباي ئوبلاستى، يەتتە سۇ ئوبلاستى بىلەن دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قوشنا ئوبلاست، شەھەرلەردە دوستانە شەھەر بىلەن «تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

يەرلىكنىڭ ئالاقىسى قىزغىنلىققا تولدى: قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە سودا ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇمانغارىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى ھەم 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى، تۈركىستان ئوبلاستى، يەتتە سۇ ئوبلاستى، ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولدى؛ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، چۆچەك شەھىرى، بورتالا شەھىرى قاتارلىق جايلارمۇ كەينى - كەينىدىن ئۆمەك ئەۋەتىپ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى. «بىز جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز» دەپ بىلدۈردى ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى مارات سۇلتانغازىيېف.

«يەرلىكلەر ئارا دائىملىق بېرىش - كېلىش ئۆزئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، قىممەتلىك ھەمكارلىق پۇرسىتىنى قېزىپ چىقىپ، كۆپ تۈردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جياڭ ۋېي.

ئەمەلىيەت چىقىش قىلىندى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى

«بىز سېتىۋاتقان سىنك يالىتىلغان بۇ ئورالما پولات قاتارلىق ماللارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنگەن بولۇپ، %80ى جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن، بۇنىڭ يېرىمى باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدىن كەلتۈرۈلگەن» دېدى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان قازاق پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ ئىسكىلاتىدا، سېتىش مەسئۇلى ئېرشات جېڭىس ئەمدىلا ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلگەن بىر تۈركۈم ماللارنى مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

تۇنجى تۈركۈمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بويىچە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاندى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئارا چېگرا ھالقىغان قۇرۇقلۇقتىكى تۇنجى نېفىت - گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلدى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇلدى... «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان نەچچە ئون مۇھىم ھەمكارلىق تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇپ، ئەمەلىي، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئەمەلىيەت چىقىش قىلىندى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ھەرقايسى تەرەپلەر تۇتاشتۇرۇلدى، راۋانلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قاپلىغان ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولاشقان تۇتاشتۇرۇش تورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭدا بەش تاشيول پورتى، ئىككى تۆمۈريول پورتى قازاقىستانغا تۇتىشىدۇ، «پولات كارۋان» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى كېچە - كۈندۈز قاتنايدۇ، يۈك ساندۇقى لىق قاچىلانغان يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار توختىماي بېرىپ - كېلىپ تۇرىدۇ.

سودا گۈللەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى كۆپەيدى، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى، قازاقىستان − جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىسى، جۇڭگو − قازاقىستان دوستلۇقى ھەم ئىلى ئوبلاستى - ئالمۇتا ئوبلاستى كارخانىلار ئىقتىساد - سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان يېزا ئىگىلىك خەلقئارا ھەمكارلىق تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلار كەينى - كەينىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، تۈرلۈك كارخانىلار ئۈچۈن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 72 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %86.2 ئاشتى.

ھەمكارلىق ساھەسى كېڭەيدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى تەرەپ سودىسى ئېنېرگىيەدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىغىچە بولغان ھەرقايسى ساھەلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى ھەم يېشىل ئېنېرگىيە، ھازىرقى زامان داۋالاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈلدى. «بىز ئالمۇتادا مەبلەغ سېلىپ مەملىكەت سىرتى ئامبىرى قۇرۇۋاتىمىز، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2000 مو بولۇپ، كېلەر يىلى 10 - ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.» قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بازار ئاچتى، شۇنداقلا كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى.

شىنجاڭنىڭ يېڭى مېۋە - كۆكتاتلىرى شۇ كۈنىلا قازاقىستان ئائىلىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىدىغان بولدى، قازاقىستاندىن كەلتۈرۈلگەن ئەلا سۈپەتلىك ئۇنلار ئۇن تائاملىرىنى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ «قارشى ئېلىشى»غا ئېرىشتى... جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«جۇڭگو شىنجاڭ ئىنتايىن چوڭ بىر ئىستېمال بازىرى، بىز تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى شىنجاڭغا ئېكسپورت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قازاقىستان ئاتامىكىن كارخانىچىلار جەمئىيىتى ئالمۇتا شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئولېگ كالىنىن ئاتى.

قەلبلەر تۇتاشتۇرۇلدى، مەڭگۈلۈك دوستلۇق ئورنىتىلدى

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاستانىدە مۇخبىرلار قازاقىستانلىق جۇڭگودا ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇپلا، قويۇق جۇڭگو تۈسىنى ھېس قىلدى: قىزىل پانۇس، دۈيليەن، جۇڭگو گۇگۇڭ سارىيىنىڭ چوڭ سۈرىتى ئېسىلغان، يەنە كىتاب جازىسىغا «جۇڭگونىڭ باھار بايرىمى» ناملىق گۇاڭپەن قويۇلغان بولۇپ، ھەممە يەر جۇڭگو مەدەنىيىتى ھىدىغا تولغانىدى.

جەمئىيەت باشلىقى زامىلىيا ئىلگىرى جۇڭگودا تۆت يىل ئوقۇغان بولۇپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيىدۇ. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: جەمئىيىتىمىزدە 200گە يېقىن ئەزا بار، «جۇڭگو تىل - يېزىقى قىزغىنلىقى» «جۇڭگو مەدەنىيىتى قىزغىنلىقى»نىڭ قازاقىستاندا سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيىتىمىز جۇڭگونىڭ ناخشا - ئۇسسۇل، يېمەك - ئىچمەك، چاي سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان «جۇڭگو مەدەنىيىتى كۈنى» پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، بۇ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ياخشى قوشنىلار، بىز تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز» دېدى زامىلىيا.

ئۇرۇق - تۇغقانلار ئېجىل ئۆتتى، قوشنا - قولۇملار ئىناق ئۆتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشىگە يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېغىشلىدى. قازاقىستان بىلەن قوشنا بولغان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك، خەلق ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردە قازاقىستان بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، ئىككى جاي خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە.

قەلبلەر تۇتاشتى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان مەڭگۈلۈك دوستلۇق ئورناتتى.

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئالمۇتادىكى شيەن شىڭخەي يولىدا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قوڭۇر رەڭلىك شيەن شىڭخەي خاتىرە مۇنارى جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ بىر بۆلەك تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر پات - پات كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلاتتى، سۈرەتكە چۈشەتتى. 2019 - يىلى، شىنجاڭ تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ رېژىسسورى شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «مۇزىكانت» ناملىق كىنو قويۇلدى، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتتە بۇ كىنونى كۆرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. «مەن <مۇزىكانت> ناملىق كىنونى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. خاتىرە مۇنارىغا يېزىلغىنىدەك، جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئالمۇتا شەھىرى ئاھالىسى ئايدانە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ يىل 7 - ئايدا، 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىدا، قازاقىستان سارتانا دۆلەتلىك ئۇسسۇل ئۆمىكى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئېسىل ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى «باياشات يۇرت - ماكان»نى تەقدىم قىلدى. «بىز ئۇسسۇلنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق ئېلىپ كەلدۇق» دېدى جۇڭگوغا ئۈچ قېتىم كەلگەن ئۇسسۇل ئارتىسى مۆمىنباي ئىمىر.

ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى «100 ئۆمەكتىكى 1000 كىشى ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلىش» بويىچە تۇنجى ئۆمەك ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، 36 ساياھەتچى قازاقىستان سەپىرىنى باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «شىنجاڭ +قازاقىستان» شىنجاڭ ھەتتا دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى سىجىل ئۆتكۈزۈلدى. نەزەربايېف داشۆسىنىڭ 200 ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىسى جۇڭگوغا كېلىپ يازلىق لاگېر پائالىيىتى، 2023 - يىللىق «كەلگۈسىدىكى كۆۋرۈك» جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ياش رەھبەرلەر مۇھاكىمە - ئالماشتۇرۇش لاگېرى پائالىيىتى، جۇڭگو - قازاقىستان چېلىشىش خەلقئارا ياشلار ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بىلىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، دوستلۇق ئەلچىسى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كەلگۈسىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىدۇ، قازاقىستان ئەنئەنىۋى تېبابەت مەركىزى ۋە لۇبەن ھۈنەرخانىسى قۇرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق قەدىمى بارغانسېرى چوڭ تاشلىنىدۇ، خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئاساسى بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يولىدا، جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە، يېڭى «ئالتۇن 30 يىل»دا، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت خەلقلىرى قول تۇتۇشۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.