تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

[شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى] كۈل رەڭ ئەمەن بېلىق

كۈل رەڭ ئەمەن بېلىق بىر خىل كۈل رەڭ ئەمەن قوشۇپ قىزارتىپ پىشۇرۇلىدىغان بېلىق

كۈل رەڭ ئەمەننىڭ تەمى ئۆزگىچە، ساپ

يېڭى تاپان بېلىق بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇلسا

بېلىقنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن كىشىگە ئاجايىپ لەززەت بېغىشلايدۇ

تاپان بېلىقنى قازانغا سېلىپ ئىككى تەرىپى سارغايغىچە پىشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز

يىپ لازا بىلەن غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقنى قىزىق ياغقا سېلىپ قورۇيمىز

يەنە سۇ قويۇپ شورپا قاينىتىپ

قورۇۋېلىنغان بېلىقنى شورپىغا سېلىپ 30 مىنۇت دۈملەيمىز

بۇنداق بولغاندا بېلىق شورپىنى تولۇق سۈمۈرىدۇ

ئاندىن پاكىز يۇيۇلغان كۈل رەڭ ئەمەن ۋە توغرالغان دۇفۇنى سالىمىز

بېلىق گۆشى ۋە كۈل رەڭ ئەمەننىڭ تەمى ئۈزلۈكسىز سىڭىشىدۇ

يەنە 10 مىنۇت دۈملىسەك

كۈل رەڭ ئەمەن بېلىق پىشىپ تەييار بولىدۇ

كۈل رەڭ ئەمەن بېلىقنىڭ تەمى ئۆزگىچە، مەززىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ

​شىنجاڭلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان قورۇما بولۇپ قالدى

            شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.