ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي) 9- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۆجىنگەي كوچىسىنى تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسىنىڭ تۈگۈن نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن يۆجىنگەي كوچىسىدىن بىۋاستە شەرقىي 2- ئايلانما يولىغا چىققىلى بولىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي بۆلىكىنىڭ يول تورى قۇرۇلۇشى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى.
9- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۆجىنگەي كوچىسى بىلەن شەرقىي 2- ئايلانما يولىنى تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
يۆجىنگەي كوچىسىنى تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسىنىڭ تۈگۈن نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 73- باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىغا جايلاشقان يۆجىنگەي كوچىسىنىڭ ئۈزۈلگەن يولى بولۇپ، شەرقتە شەرقىي 2- ئايلانما يولىنىڭ يانداش يولىغا تۇتىشىدۇ، قۇرۇلۇش يېڭىدىن 958 مېتىرلىق تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى يولىنى، 1200 مېتىرلىق شەرقىي 2- ئايلانما يولىغا جەنۇب- شىمالدىن چىقىش- چۈشۈش يانداش يولىنى ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي 2- ئايلانما يولى بىلەن يۆجىنگەي كوچىسىنىڭ قاتناش توسۇقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان يول تۈگۈن نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.
9- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۆجىنگەي كوچىسى بىلەن شەرقىي 2- ئايلانما يولىنى تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
958 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر يۈزى تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى يولى قوش يۆنىلىشتىكى ئالتە ئاپتوموبىل يولى بولۇپ، يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتتە مېتىر كەڭلىكتىكى كۆكەرتىلگەن ئايرىش بەلبىغى تەسىس قىلىنغان، ئىككى يېقىدا تەرتىپ بويىچە 11.5 مېتىر كەڭلىكتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى، بەش مېتىر كەڭلىكتىكى پىيادىلەر يولى ۋە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى بار. يېڭىدىن ياتقۇزۇلغان يول يۈزىگە بەلگە، سىزىقلار تولۇق سىزىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى يول چىرىغى قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەرمۇ قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى.