
جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرى دۇڭشياڭ رايونى شياۋگاڭ بازىرى خېفاڭ كەنتىدىكى بىر سوغۇق زەنجىرلىك ساقلاش شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىملار لەنمېيلەرنى ئىلغىماقتا. راۋ فاڭچى فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى جياڭبېي رايونى يۇڭجياڭ كوچا باشقارمىسى جۇجيايۈەن مەھەللىسىدە، ئاھالىلەر مەھەللىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىڭگۈيدىن مېۋە-كۆكتاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. خۇ شۆجۈن فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، سوغۇق ساقلاش يۈك ساندۇقى بېسىلغان «لەنمېي تېز لىنىيەسى» خەلقئارا يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزى جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى دوستلۇق تونېلىدىن ئۆتمەكتە. شېن جىڭرەن، جوۋ تاۋ فوتوسى، خەۋىرى

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرى ماۋېي رايونىدا، يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق سوغۇق ساقلاش ئامبىرىدا يۈك بېسىش ۋە چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا. لىن شى فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

ئۈزۈش
چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسى ۋۇشيا بازىرى چىشىڭ كەنتىدە، باغۋەنلەر ئۈزۈپ بولغان سۈيلى نەشپۈتلەرنى باغدىن توشۇماقتا. ۋاڭ جۇڭخۇ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

بىۋاسىتە كۆرسىتىش
ۋۇشەن سۈيلى نەشپۈتى 7-قېتىملىق باغ ئېچىلىش بايرىمى ۋە جۇڭگو پوچتىسى ئاۋىياتسىيەسى «سۈيلى نەشپۈتى مەخسۇس ئايروپىلانى»نىڭ يولغا قويۇلۇش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، رىياسەتچى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە سۈيلى نەشپۈتىگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرماقتا. شيې جىچياڭ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

كەنتتىن چىقىرىش
چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسى چۈچى يېزىسى گەنيۈەن كەنتىدە، لىققىدە سۈيلى نەشپۈتى بېسىلغان سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىلى كەنىتتىن چىقماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

ئايروپىلانغا قاچىلاش
چۇڭچىڭ ۋۇشەن ئايرودۇرۇمىدا، خىزمەتچى خادىملار سۈيلى نەشپۈتىنى ئايروپىلانغا قاچىلىماقتا. شيې جىچياڭ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

سېتىش
چۇڭچىڭ شەھىرى بېيبېي رايونىدا، تاللا بازىرىغا سېلىنغان سۈيلى نەشپۈتلىرى. ۋاڭ جۇڭخۇ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى نەنشاگاڭ سوغۇق زەنجىر مەركىزى.
ليۇ ۋېي فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)
سىچۇەن لۇڭچۈەننىڭ شىرنىلىك شاپتۇللىرى 12 سائەتتىلا سىچۇەندىن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدۇ؛ جياڭسۇ شۈيىنىڭ شياۋلۇڭشياسى 4 سائەتتىلا بىۋاسىتە ھالدا يېڭى پېتى شاڭخەيگە يېتىپ بارىدۇ؛ گۇاڭدۇڭ شۇندېنىڭ ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلىرى بىر كېچە مۇزدا ساقلىنىپ يېڭى پېتىلا ھەرقايسى جايلارغا يېتىپ بارىدۇ... بارغانسېرى كۆپلىگەن يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ تېز سۈرئەت، تېخىمۇ ئەلا سۈپەت بىلەن ئېتىز باشلىرىدىن بىۋاسىتە ھالدا ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىدۇ.
بۇنىڭ ئارقىسىدا رول ئويناۋاتقىنى دەل كۈنسېرى زورىيىۋاتقان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تورى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تېز تەرەققىي قىلدى، كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، توشۇش كۈچى تەمىناتىدا سىجىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئىچىدىكى سوغۇق ساقلاش ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 210 مىليارد كۇب مېتىرغا، سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى 380 مىڭغا يەتكەن. تۆمۈريول سوغۇق ساقلاش ۋاگونى، دېڭىز تىرانسىپورتى سوغۇق ساقلاش يۈك ساندۇقى، ئاۋىياتسىيە سوغۇق ساقلاش ساندۇقى قاتارلىق تىرانسىپورت ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، كۆپ خىللاشقان سوغۇق زەنجىرلىك تىرانسىپورت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.
سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئاھالىلەر ئىستېمالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىىپ دەرىجىسى ئۆسۈۋاتقان قەدىمىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭى يېمەكلىكلەرگە بولغان ئېھتىياجى سىجىل ئېشىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروت بازار كۆلىمى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارماقتا. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشقان؛ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىرىنىڭ كۆلىمى 268 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشقان.
سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىر ئۇچى ئىشلەپچىقىرىشقا، بىر ئۇچى تۇرمۇشقا تۇتىشىدىغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك بازار تەمىناتىنى كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئۈزلۈكسىز دەرىجە ئۆستۈرۈۋاتقان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسى، تېزدىن قويۇپ بېرىلىۋاتقان غايەت زور كۆلەمدىكى بازار يوشۇرۇن كۈچى جەزمەن سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتىدا تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تىپتىكى ئىستېمالنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، كۆلەمنىڭ كېڭىيىشىنى تېزلىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش جەريانىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ قەدەم ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. («خەلق گېزىتى» مۇخبىرى خەن شىن)
«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى