شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى دېيىلىدۇ) ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى مەبلەغ سالغان، قۇرغان، يۈرۈشتۈرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى سۇپا شىركەت، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى يەنە شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى قانداق نەتىجە-ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى؟ دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى شىركەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداق ئەۋزەللىككە ئىگە؟ ئەمدى قانداق پىلانلىرى بار؟ يېقىندا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» شۆبە ئەترىتى شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما چۇنلېينى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
رېژىسسور\ئېكرانغا چىققۇچى گو لىڭ
مۇخبىر فەن چيۇڭيەن
ئوپېراتور\ئىشلىگۈچى سۇ شۇەنمىڭ
نازارەتچى ماۋ مىڭدۇڭ، لى چۇنشيا، ۋاڭ چىمىڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى