تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 14 ئورۇندىكى ئېلېكترونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ (قوشۇمچە ئورۇن جەدىۋېلى)

     14 ئورۇندىكى ئېلېكترونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول قاتناش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تۆۋەندىكى ئېلېكترونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىلىرىنى قوزغىتىشنى قارار قىلدى:

    ئالتە ئورۇندىكى قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىشنى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى، ئىككى ئورۇندىكى يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە ئۈسكۈنىسى، ئالتە ئورۇندىكى تاشيول چازا ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قوزغىتىلىدۇ (كونكرېت تەسىس قىلىنغان ئورۇننى قوشۇمچە جەدۋەلدىن كۆرۈڭ). قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىشنى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى بىرلا ۋاقىتتا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىش، چەكلەش سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، چەكلەش بەلگىسىگە خىلاپلىق قىلىش، تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ؛ يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە ئۈسكۈنىلىرى بىرلا ۋاقىتتا چەكلەش سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، چەكلەش بەلگىسى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، پىيادىلەر پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئاپتوموبىلنى توختاتماي يول بەرمەسلىك، تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بەلگىلەنگەن يولدا يۈرمەسلىك، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەخسۇس ئاپتوموبىل يولىنى ئىشلىتىش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ؛ تاشيول چازا ئېغىزىدىكى ئۈسكۈنىلەر بىرلا ۋاقىتتا چەكلەش بەلگىسىدىكى كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش، چەكلەش بەلگە سىزىقىدىكى كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش، تەتۈر يۆنىلىشتە يول يۈرۈش، شوپۇرلار بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق، ھۆكۈمەتنىڭ يول يۈرۈشنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، شوپۇرلار تېلېفون قوبۇل قىلىش، تېلېفون بېرىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغۇچىلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق قاتارلىق يول قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ.

    2023-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە تەشۋىق-تەربىيە مەزگىلى بولۇپ، 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئاپتوموبىللارغا جازا بېرىلىدۇ، كەڭ شوپۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشىنى ھەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ياخشى قاتناش تەرتىپىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.