تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سۆھبەت∣ ئالاتاۋ پورتى: «شامال»دىن پايدىلىنىپ دۇنيا بىلەن جىپسىلىشىش

   جۇڭگو شىنجاڭ ئالاتاۋ شەھىرى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشنا بولۇپ، ئىلگىرى بىپايان چۆللۈكتىكى بىر چېگرا بېكىتى ئىدى، 2012 - يىلى شەھەر تەسىس قىلىنغان. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىكنىڭ ئەتراپتىكى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، قاتناش، سودا قاتارلىق ساھەلەردىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى.

   «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، ئالاتاۋ شەھىرى پورتنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»تەك رايون ئورنى ۋە سىياسەت گىرەلەشكەن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش سودىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، مېتال كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنغان جايدا پىششىقلاشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى سىجىل زورايتتى، پورتنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «ماكانلىشىش ئىقتىسادى» «كەسىپ ئىقتىسادى»«ئۇنىۋېرسال رايون ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زور مىقداردىكى ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمىنى توپلاپ، كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇش چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇزاق مەزگىل مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ سانائەت ئىشچىلىرىنى شۇ جايدا يىلتىز تارتىشقا جەلپ قىلدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ باھار شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ئالاتاۋ پورتى دۇنيا بىلەن تېزدىن جىپسىلاشتى.

  سېنارىست ۋە رېژىسسور: جۇڭ جاۋفېڭ،  ۋاڭ نا 

  رولغا چىققۇچى: ۋاڭ نا 

   ئوپېراتور: جۇڭ جاۋفېڭ 

   ئىشلىگۈچى/بېزىگۈچى: تاۋ جىخاۋ  

  نازارەتچىلەر : ماۋ مىڭدۇڭ، چېن فېڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.