
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ شىيۈ شىڭيې يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تاڭدۈن بېغىدىكى 1500 مو ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر بۈك-باراقسان ئۈزۈم بارىڭىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئىشچىلار ئۈزۈم ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتى ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈزۈم كەسپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، سوغۇق ساقلاش، ھاراق ئېچىتىش، پىششىقلاش، سەيلە-ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئىشچىلار ئۈزۈم توشۇماقتا.
نۆۋەتتە، قۇتۇبى ناھىيەسىدە 10 مىڭ 769 مو يەردە ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەيدىغان ئۈزۈم 2446 مو، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم 8323 مو.

ئىشچىلار ئۈزۈمنى ئايرىپ، ئوراپ قاچىلىماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ شىنچېڭ، مۇ يالى، لى يۈشىن
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى