تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭدا يېتىشتۈرۈلگەن بىر تال ئۇرۇقنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى

قازاقىستان ئالمۇتا شەھىرى​

شىنجاڭدا يېتىشتۈرۈلگەن بىر تال ئۇرۇقنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى

9ـ ئاينىڭ 14ـ كۈنى، مۇخبىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق زىرائەتلىرى كۆرگەزمە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك تېرىقچىلىق ۋە زىرائەت ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات ئورنى پۇرچاق ئائىلىسى زىرائەتلىرى ۋە قوناق تەجرىبىخانىسىدىكى مۇتەخەسسىس (سولدىن 2-كىشى)تىن جيۇشېڭخې 2468 قوناق ئۇرۇقىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا

9 - ئايدا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۈز مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشقانىدى. جۇڭگو چېگرا لىنىيەسىگە 300 نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدىغان قازاقىستان ئالمۇتا شەھىرىدە تۈرلۈك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ھوسۇل يىغىش مەزگىلىگە كىردى.

ئالمۇتادىن شەرققە 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، كەڭ كەتكەن بىر پارچە قوناقلىق بار ئىدى. دوكتور ئومانوۋا ئايمان قوناقلىقتىن چىقىپ، قوناق شېخىدىكى كىچىك بىلەكتەك توملۇقتىكى قوناقلارنى كۆرسىتىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، بۇ جيۇشېڭخې 2468 نېمىدېگەن ياخشى ئۆسكەن».

جيۇشېڭخې 2468 بۇ قوناقلىققا تېرىلغان ئۇرۇق سورتى. 2015 - يىلى شىنجاڭ كارخانىسى جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات ئورنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قازاقىستان زىرائەت تەتقىقات ئورنى» دېيىلدى) ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «جيۇشېڭخې − قازاقىستان زىرائەت تەتقىقات ئورنى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى»نى قۇرۇپ، بايلىق ئالماشتۇرۇش، يېڭى سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى.

قازاقىستان زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى زىرائەتلەر ۋە قوناق تەجرىبىخانىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايمان 1978 - يىلىدىن باشلاپلا ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانىدى.

«بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مەن شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۇرۇقلارنى ئۆز قولۇم بىلەن بۇ يەرگە تېرىپ، خۇددى بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك پەرۋىش قىلدىم، ئاسرىدىم.» ئايمان كۆز ئالدىدىكى مو بېشى ھوسۇلى 800 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان بۇ قوناق سورتىنى پىششىق بىلەتتى. قازاقىستاندا، قوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئىدى، ئۇ جيۇشېڭخې 2468نىڭ بۇ جايدا ئىپادىسىنىڭ قالتىس بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى»، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

قانداق قىلغاندا شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىقىنى سىرتقا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مەھسۇلات ئەمەلدارى، ئوتتۇرا ئاسىيا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇق پىلازمىسىنى ياخشىلاش ۋە كېڭەيتىش بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭخەي سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان 30 نەچچە يىل داۋامىدا، شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىشىدىكى ھەربىر قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى.

بىر تال ياخشى ئۇرۇق ئونمىڭ تال ئۇرۇقنىڭ ئىچىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ. جيۇشېڭخې 2468نى مىسالغا ئالساق، چەتتىن چاڭلاشتۇرۇش، ئارىلاشمىلارنى، ناچارلىرىنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق كۆپ قەدەم - باسقۇچ ئارقىلىق، ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن سان - ساناقسىز قوناق دېنى ئىچىدىن ئەڭ قالتىس ئۇرۇق تاللىۋېلىنىپ، ئاندىن بۈگۈنكى جيۇشېڭخې 2468 بارلىققا كەلتۈرۈلگەن.

جيۇشېڭخې 2468 نىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بولۇش، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولۇش، شورغا چىداملىق بولۇش، ئۈنۈمسىز تۇپراققا چىداملىق بولۇشتەك خۇسۇسىيىتى ئۇنى شىنجاڭنىڭ كىلىمات شارائىتى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان قازاقىستاندا تېخىمۇ ئاسان ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرغان 10 يىل ئۆز نۆۋىتىدە جيۇشېڭخې ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتقان 10 يىل بولدى. ئۇرۇقچىلىق پەن تەتقىقاتى ۋە بازار ئېچىشتىن ئىبارەت خەلقئارالاشقان تەرەققىيات يولىنى بويلاپ، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىقى ئوندىن ئارتۇق خەلقئارا پەن تەتقىقات ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى ھەم باشلامچى بولۇپ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو» ئوتتۇرا ئاسىيا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇق پىلازمىسىنى ياخشىلاش ۋە كېڭەيتىش بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۇرتىنى تەشكىللەپ قۇردى، قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇردى.

«قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ، ئۇرۇقچىلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.» بۇ يىل 7 - ئايدا، قازاقىستاندىكى شىمالىي قازاقىستان دۆلەتلىك داشۆسى ئاگرونومىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئالتېن شايەخمېتوۋا جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە خەلقارا ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جيۇشېڭخې قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىشىشىنى ئىشەنچلىك سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا شىمالىي قازاقىستان دۆلەتلىك داشۆسى ئاگرونومىيە فاكۇلتېتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق مۇھاكىمە يىغىنىنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

«يېقىنقى ئىككى يىلدا، جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن 24 خىل دېھقانچىلىق زىرائىتى سورتى قازاقىستان زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجرىبە ئېتىزىدا <ماكانلاشتى>، جۇڭگونىڭ بارغانسېرى كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلىرىنىڭ قازاقىستان تۇپرىقىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئايىقى ئاستىدىكى تۇپراققا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئايمان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.