□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
تاموژنىدا تاموژنا خادىملىرى ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قاتتىق سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قارلىق چېگرا رايوندىكى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ئۈن ـ تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى دەۋر تاموژنا خادىملىرىنىڭ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. باش شۇجى مۇھىم جاۋاب خېتىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، تاموژنا سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەربىر سۆز ـ ئىبارىگە خەلق داھىيسىنىڭ تاموژنا خادىملىرىغا بولغان كۆيۈنۈشى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقتىن كۈتكەن زور ئۈمىدى نامايان قىلىنغان.
قونجىراپ «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتى ناچار. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ تۇپراقنى باشتىن ـ ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. بۇ يىل باھار بايرىمى ھارپىسىدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاراۋۇلخانىسى بىلەن سىنلىق سۆزلىشىپ، ئۇلارنى ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى پېشقەدەم ئۈلگە دەپ تەرىپلەپ، كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ بۇ قېتىم يەنە ئۆزى قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى. بىر يىل ئىچىدە، ئىككى قېتىم نەزەرىنى ئوخشاش بىر تۇپراققا ئاغدۇرۇش باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
قەھرىمانلار روھىغا بۇ يەردە ۋارىسلىق قىلىندى، ۋەتەنگە بولغان ساپ مۇھەببەت بۇ يەردە ئۆركەشلىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد قونجىراپ تاموژنا خادىملىرى قارلىق ئېگىزلىك، چۆل ـ باياۋاندىكى شامال ئېغىزىنى چىڭ ساقلاپ، ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ كۈرەش ئىرادىسى كەمچىل بولماسلىق، ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھ كەمچىل بولماسلىقتەك جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن مەسئۇلىيىتىنى سادىق ئادا قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قونجىراپ تاموژنىسىنى ئۈلگە قىلىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان، ئالاھىدە تۆھپە قوشالايدىغان» قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ «تۆت ئالاھىدە» روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چېگرانى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىشى، خەلقنى رازى قىلىشى كېرەك.
قونجىراپ تاموژنىسى تۇرۇشلۇق پورت دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان پورت، شۇنداقلا دۆلىتىمىز بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى پورتى. تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، قونجىراپ پورتى شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.» بىز يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تاموژنىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىنى ساقلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پورت ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى خىزمەت نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
بۈگۈنكى شىنجاڭ ئىناقلىق، مۇقىملىق ئارقىلىق داغدام يول بەرپا قىلىپ، گۈللىنىش، تەرەققىيات ئارقىلىق يېڭى سەھىپە ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.