تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز ∣باقتۇ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلدى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چىن مېيخۇا خەۋەر قىلىدۇ) پاسپورت تەكشۈرۈش، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى تەكشۈرۈش، ئاپتوموبىللارنى چېگرادىن تەرتىپلىك كىرىش-چىقىشقا يېتەكلەش... 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، باقتۇ پورتىدا، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى باقتۇ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى تەرتىپلىك ھالدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە ئىدى.   

      بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باقتۇ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى ۋە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، چېگرادىن كىرگەن-چىققان ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنىڭ چېگرا تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈپ، ئادەم ئاپتوموبىلنى ساقلاش، كەلگەن ھامانلا تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنى كەلگەن ھامان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بولۇپلا يولغا سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئاز قاتراش، خادىملار تاموژنىدىن ئۆتۈشنى ساقلىماسلىق، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پورتنىڭ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلدى.   

    نۆۋەتتە، پورتتا 12+7 خىزمەت ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى تەكشۈرۈش ۋاقتى تۆت سائەت، ھەر ھەپتىدە تەكشۈرۈش ۋاقتى 36 سائەت كۆپەيتىلىپ، ھەر كۈنى تاموژنىدىن ئۆتەلەيدىغان تىرانسپورت ئاپتوموبىلى 20دىن 30غىچە كۆپەيتىلدى، بىر قىسىم ئاپتوموبىللار شۇ كۈنى چېگرىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كېلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، تىرانسپورت تەننەرخى ئازايتىلدى.   

    بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، باقتۇ پورتىدا چېگرادىن كىرىپ-چىققان ئاپتوموبىل 37 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %85 ئاشتى.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى چېگرادىن چىقىدىغان تاۋار ئاپتوموبىللارنىڭ رەسمىيىتىنى تەكشۈرمەكتە. چاڭ يۈجيې فوتوسى

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى چېگرادىن چىقىدىغان تاۋار ئاپتوموبىللارنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە.  چاڭ يۈجيې فوتوسى

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى ئېكسپورت قىلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە.  چاڭ يۈجيې فوتوسى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، تولۇقلاپ تەييارلانغان ئاپتوموبىللار باقتۇ پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى كۈتمەكتە.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى ئېكسپورت قىلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە.   چاڭ يۈجيې فوتوسى 

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى ئاپتوموبىللارنى چېگرادىن تەرتىپلىك چىقىشقا يېتەكلىمەكتە.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، بىر يۈك ئاپتوموبىلى باقتۇ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرمەكتە.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.