تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-سەمەرقەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىشنى پىلانلىدى

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى كەي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ لىن، ۋۇ شياۋ، جوۋ بىڭشۆ): جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-سەمەرقەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىشنى پىلانلىدى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن سەمەرقەنت ئارىلىقىدا تۇنجى قەرەللىك بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇ چاغدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىن ئۆزبېكىستانغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىككىگە كۆپىيىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ سەيلە-ساياھەت، سودا ئالاقىسى ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك «بوشلۇق كۆۋرۈكى» بەرپا قىلىنىدۇ.

    بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-سەمەرقەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەپتىدە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ، B737800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ. يولۇچىلار سەمەرقەنتتىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ مول دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىغا تايىنىپ، ئالتە سائەت ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 26 شەھەرگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا ئوتتۇرا يولدا تېز ھەم ئوڭاي ئالمىشالايدۇ، شۇ كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى 35 تىن ئارتۇق شەھەر بىلەن ئۇدۇللىشالايدۇ.

    بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 31 يىللىقى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى. بۇ يىل 2-تۈركۈمدە چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن «ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش»نى داۋاملىق كۈچەيتتى، 9-ئايدىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بېرىپ-كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى يولۇچى مىقدارى 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %55 ئاشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.