تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

رەسمىي باشلاندى، دىققىتىڭلاردا بولغاي!

    «بىر بەلباغ بىر يول»،  ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەن 10 يىل.

    بىز شىنجاڭدىن دۇنيا توغرىسىدا ئىزدىنىش نەزەرى بىلەن كەلدۇق.

    يېزىق ئارقىلىق دەۋر ۋەزىيىتىنى خاتىرىلەيمىز، كامېرا ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ تومۇرىنى نامايان قىلىمىز.

    بىز ماڭىمىز، ئۇچرىشىمىز، سۆھبەتلىشىمىز، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىدا، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيانقى سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مول نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

    پارلاق مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، گۈللەنگەن ئىقتىسادنىڭ ئورتاق ئىلگىرىلىشى، تۈمەنلىگەن كىشىلەر قەلبىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى بۇ يەردە نامايان بولىدۇ.

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ، دۇنياغا قۇچاق ئاچماقتا!

    بۈگۈندىن باشلاپ، مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار، ئاپتونوم رايوندىكى تاراتقۇلار دۆلەت ھالقىغان زىيارەت ئۆمىكىنى ئورتاق تەشكىللەپ، دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان شانلىق ئون يىلىنى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىدۇ. بۇ بىر مەيدان پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كاتتا مەرىكىسى، جۇڭگو شىنجاڭ «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى. ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سەپەر» زىيارەت پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، دىققىتىڭلاردا بولغاي!​

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.